عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«يقالُ لصاحبِ القرآن: اقرَأ وارتَقِ، ورتِّل كما كُنْتَ ترتِّل في الدُنيا، فإن منزِلَكَ عندَ آخرِ آية تقرؤها».

[حسن] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي في الكبرى وأحمد]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ».

ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم قۇرئان ئوقۇغۇچى، قارىغا، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلغۇچىغا ۋە قۇرئاننى ياد قىلغۇچىغا جەننەتكە كىرگەندە: قۇرئان ئوقۇغىن، شۇنىڭ بىلەن جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئۆرلىگىن، دۇنيادا ئالدىرماي تەرتىل بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلغىن، سىنىڭ ئورنۇڭ سەن ئوقۇغان ئەڭ ئاخىرىقى ئايەتكىچە بولىدۇ دېيىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇكاپات ئەمەلنىڭ مىقدارى ۋە ئادا قىلىنىشىغا مۇۋاپىق بولىدۇ.
  2. قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، تەكرارلاش، ياد قىلىش، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  3. جەننەتتە ئالى ئورۇنلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلەر بار، قۇرئان ساھىبلىرى جەننەتتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ.