عَنْ ‌أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ إِذَا رَجَعَ إِلَى أَهْلِهِ أَنْ يَجِدَ فِيهِ ثَلَاثَ خَلِفَاتٍ عِظَامٍ سِمَانٍ؟» قُلْنَا: نَعَمْ. قَالَ: «فَثَلَاثُ آيَاتٍ يَقْرَأُ بِهِنَّ أَحَدُكُمْ فِي صَلَاتِهِ خَيْرٌ لَهُ مِنْ ثَلَاثِ خَلِفَاتٍ عِظَامٍ سِمَانٍ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئائىلىسىدە سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولىشىنى ياقتۇرامدۇ؟»دېگەن ئېدى، بىز: ھەئە دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ نامىزىدا ئۈچ ئايەت ئوقۇشى ئۇ كىشى ئۈچۈن سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولغاندىن ياخشىدۇر» دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا ئۈچ ئايەت ئوقۇغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئىنسان ئۆيىگە قايتقاندا سېمىز ئۈچ ھامىلدار تۆگىنى تاپقاندىنمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
  2. ياخشى ئەمەللەر يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىدىن ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.
  3. بۇ ئارتۇقچىلىق پەقەت ئۈچ ئايەت تىلاۋەت قىلىشقا باغلىق ئەمەس، ناماز ئادا قىلغۇچى نامىزىدا ئايەتنى قانچە كۆپ ئوقۇسا ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى تۆگۈلەرنىڭ سانىدىن ياخشى بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ