عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«تَعَاهَدُوا هَذَا الْقُرْآنَ، فَوَالَّذِي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بِيَدِهِ لَهُوَ أَشَدُّ تَفَلُّتًا مِنَ الْإِبِلِ فِي عُقُلِهَا».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 791]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قۇرئان كەرىمنى تەكرار قىلىپ تۇرۇڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسان قەلبىدىن قېچىشى باغلاقتىن قاچقان تۆگىنىڭ قىچىشىدىنمۇ تىزدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 791]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆپ تەكرار قىلىش ۋە دائىم تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئالاھىدە قەسەم قىلىپ تۇرۇپ تەكىتلىدى، ئىنسان قۇرئان كەرىمنى تەكرارلاپ تۇرمىسا باغلاقتىكى تۆگە باغلاقنى يېشىۋەتسە قاچقاندەك، ئۇ ئىنساننىڭ دىلىدىن ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق قاچىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قۇرئاننى تەكرارلاپ تۇرمىسا ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغۇچى ئۇنى دىلىدا چىڭ ساقلاش، ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەكرارلاپ تۇرىشى كېرەك
  2. قۇرئان كەرىمنى تەكرارلاپ تۇرۇشنىڭ پايدىلىرىدىن: ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش، قىيامەتتە دەرىجىسى ئۈستۈن بولۇش قاتارلىقلاردۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (64)
تېخىمۇ كۆپ