عَن أَبي مُوْسى الأَشْعريِّ رضي الله عنه قال: قال رسولُ اللهِ صلى اللهُ عليه وسلم:
«مَثَلُ الْمُؤْمِنِ الَّذِي يَقْرَأُ الْقُرْآنَ كَمَثَلِ الْأُتْرُجَّةِ، رِيحُهَا طَيِّبٌ وَطَعْمُهَا طَيِّبٌ، وَمَثَلُ الْمُؤْمِنِ الَّذِي لَا يَقْرَأُ الْقُرْآنَ كَمَثَلِ التَّمْرَةِ، لَا رِيحَ لَهَا وَطَعْمُهَا حُلْوٌ، وَمَثَلُ الْمُنَافِقِ الَّذِي يَقْرَأُ الْقُرْآنَ مَثَلُ الرَّيْحَانَةِ، رِيحُهَا طَيِّبٌ وَطَعْمُهَا مُرٌّ، وَمَثَلُ الْمُنَافِقِ الَّذِي لَا يَقْرَأُ الْقُرْآنَ كَمَثَلِ الْحَنْظَلَةِ، لَيْسَ لَهَا رِيحٌ وَطَعْمُهَا مُرٌّ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئ‍مىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئ‍مىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشپۇراق، تەمى ئاچچىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق ئاچچىق تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى ئاچچىق بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرىنى بايان قىلىپ بەردى:
بىرىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان مۇئ‍مىن دېگەن؛ رەڭگى چېرايلىق، تەمى تاتلىق ۋە خۇشپۇراق پورتىقال مېۋىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ، ئۇ كىشى ئوقۇغىنىغا ئەمەل قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۇ كىشىدىن مەنپەئەت ئالىدۇ.
ئىككىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئ‍مىن، بۇ كىشى خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق بولىدۇ، خۇددى خورما كىشىلەرگە خۇش پۇراق بىرەلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئېچكى تەمىدە تاتلىق بىر تەمنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندەك، مۇئ‍مىننىڭ دىلىمۇ ئىماننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ،
ئۈچىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق، ئۇ رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق، ئىمان بىلەن دىلى تۈزەلمىگەن، قۇرئان روھى بويىنچە ئەمەل قىلمىغان، كىشىلەر ئارىسىدا مۇئ‍مىندەك كۆرۈنىدۇ، پۇرىقىنىڭ تاتلىق بولىشى ئوقۇغان تىلاۋېتىگە ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىق بولىشى يوشۇرغان كۆپرىغا ئوخشايدۇ.
تۆتىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق، بۇ توڭ تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ھېچ بىر پۇرىقىمۇ يوق، تەمى بەك ئاچچىق، پۇرىقىنىڭ بولماسلىقى قۇرئان ئوقۇيالماسلىقىغا ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىقلىقى يوشۇرغان كۇپىرنىڭ زەھىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئېچى ئىماندىن خالى، سېرتقى كۆرۈنىشىدىمۇ مەنپەئەت يوق، بەلكى ئۇ ھەر تەرەپتىن زىيانلىقتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قۇرئان ئوقۇيالايدىغان، ياد قىلغان ۋە ھۆكمىگە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.
  2. چۈشەنچىنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسال بايان قىلىپ بېرىشمۇ تەلىم-تەربىيە يوللىرىدىندۇر.
  3. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن كۈندىلىك ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسى بولىشى كېرەك.