عن عبد الله بن مسعود رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«مَنْ قَرَأَ حَرْفًا مِنْ كِتَابِ اللهِ فَلَهُ بِهِ حَسَنَةٌ، وَالْحَسَنَةُ بِعَشْرِ أَمْثَالِهَا، لَا أَقُولُ {الم} حَرْفٌ، وَلَكِنْ {أَلِفٌ} حَرْفٌ، وَ{لَامٌ} حَرْفٌ، وَ{مِيمٌ} حَرْفٌ».

[حسن] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ، ‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپ ئوقۇسا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر ياخشىلىق بولىدىغانلىقى، ئۇ ياخشىلىق ئون ھەسسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىيادە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن: «‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر»دېگەن سۆزنى بايان قىلىپ بۇ ئۈچ ھەرپنىڭ ساۋابىنىڭ ئوتتۇز ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قۇرئان تىلاۋېتىنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  2. ھەر بىر ھەرپنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق بولىدىغانلىقى ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىگىچە زىيادە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  3. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى ۋە سېخىلىقىدىن ئۆزىنىڭ پەزلى-كەرەمى بىلەن بەندىلىرىگە ئەجرى ساۋاپنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ.
  4. قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۆزلەردىن بولغان پەزلى، ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ كالامىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ