عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ:
عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «قَالَ اللَّهُ: كَذَّبَنِي ابْنُ آدَمَ وَلَمْ يَكُنْ لَهُ ذَلِكَ، وَشَتَمَنِي وَلَمْ يَكُنْ لَهُ ذَلِكَ، فَأَمَّا تَكْذِيبُهُ إِيَّايَ فَقَوْلُهُ: لَنْ يُعِيدَنِي، كَمَا بَدَأَنِي، وَلَيْسَ أَوَّلُ الخَلْقِ بِأَهْوَنَ عَلَيَّ مِنْ إِعَادَتِهِ، وَأَمَّا شَتْمُهُ إِيَّايَ فَقَوْلُهُ: اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا وَأَنَا الأَحَدُ الصَّمَدُ، لَمْ أَلِدْ وَلَمْ أُولَدْ، وَلَمْ يَكُنْ لِي كُفْؤًا أَحَدٌ».

[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەۋلادى مېنى يالغانغا چېقىرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، مېنى دەشنام قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، ئادەم ئەۋلادىنىڭ مېنى يالغانغا چىقىرىشى ئۇنىڭ: ئاللاھ تائالا مەن ئۆلگەندىن كېيىن مېنى دەسلەپتە پەيدا قىلغاندەك تىرگۈزەلمەيدۇ دېگەن سۆزى، ئۇنى قايتىدىن تېرگۈزۈش دەسلەپتە پەيدا قىلىشتىن ئاسان ئەمەسمۇ؟. ئادەم ئەۋلادىنىڭ ماڭا دەشنەم قىلىشى بولسا ئۇنىڭ: ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېيىشىدۇر، مەن يەككە-يىگانە، ھەممە ماڭا ئېھتىياجلىق، مەن بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ماڭا تەڭداش بولالمايدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشرىكلار ۋە كاپىرلار توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغانلىقى، ئاللاھنى ناقىس، ئەيىپلىك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەنلىكى ۋە ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۇلارغا لايىق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى يالغانغا چېقىرىشى: ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دەسلەپتە يوقلۇقتىن پەيدا قىلغاندەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تىرگۈزۈشكە قادىر بولالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى زات ئۇلارنى ئۆلگەندىن كىيىن قايتىدىن تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، بەلكى بۇ ئاۋۋالقىسىدىن ئاساندۇر، ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن يېڭىدىن پەيدا قىلىش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تېرگۈزۈش ئىشى ئوخشاش، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا دەشنام قىلىشى: ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسىم، سۈپەت، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە يەككە-يىگانە، ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ھېچ كىشىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغانلىقى، ھەممىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھ بىر كىشىنىڭ ئاتىسى بولمىغانلىقىنى، ھېچ بىر كىشىنىڭمۇ بالىسى بولمىغانلىقىنى، ئوخشاشلىقتا، باراۋەرلىكتە ھېچ كىشىنىڭ ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل قۇدرىتىنى ئىسپاتلاش.
  2. ئۆلگەندىن كېيىن تىرگۈزۈشنى ئىسپاتلاش.
  3. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان ياكى ئاللاھ تائالاغا بالا نىسبەت بەرگەن كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى.
  4. ئاللاھنىڭ ئوخشىشى، باراۋىرى ۋە تەڭدىشى بولمايدۇ.
  5. ئاللاھ تائالانىڭ بەك كەڭ قورساقلىقى، ھەتتا كاپىرلارنىڭمۇ تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا قايتىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ