+ -

عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه قال: بينما نحن في سفرٍ مع النبيِّ صلى الله عليه وسلم إذ جاء رجلٌ على رَاحِلةٍ له، فجعلَ يَصرِفُ بصرَه يمينًا وشمالًا، فقال رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم : "من كان معه فَضْلُ ظَهرٍ فَليَعُدْ به على من لا ظَهرَ له، ومن كان له فضلٌ من زادٍ، فَليَعُدْ به على من لا زادَ له"، فذكرَ من أصنافِ المالِ ما ذكر حتى رأينا أنه لا حقَّ لأحدٍ منَّا في فضلٍ.
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا توگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۇياق-بۇياققا قارىغىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دەپ نۇرغۇن مال تۈرلىرىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن بىز: «ئارتۇق نەرسدە ھېچ قايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەردە كېتىۋاتقاندا تۆگە مىنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى قامدىغىدەك بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قاراشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا، ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دېدى، رىۋايەت قىلغۇچى: «بىز ئارتۇق نەرسدە ھىچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ