عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه مرفوعاً: «الذهب بالذهب رِباً، إلا هَاءَ وَهَاءَ، والفضة بالفضة ربا، إلا هَاءَ وهَاءَ، والبُرُّ بالبُرِّ ربا، إلا هاء وهاء. والشعير بالشعير ربا، إلا هاء وهاء».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ئۆسۈم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ – ساتقاندا قانداق قىلغاندا توغرا شەكىلدە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بولسا، قانداق بىر ئادەم ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتسا، شۇ نەخ مەيداندا ھازىر بولىشى ۋە مالنى شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە تاپشۇرۇۋېلىشى لازىم بولىدۇ. بۇ سودا پۇل ئالماشتۇرۇش تۈرىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىش شەرت قىلىندۇ. كىمكى بۇغداينى ئارپىغا ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئالماشتۇرسا، ئۇلار، ئۇ نەرسىلەرنى نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋالماستىن ئۇ يەردىن ئايرىلسا، بۇ سودىنى بۇزىدىغان جازانە بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. يەنى ئەگەر نەرسىلەرنىڭ تۈرى ئوخشاش بولسا، مەسىلەن: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندەك، گەرچە ئۇنىڭ سۈپىتىدە پەرقى بولسىمۇ نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىشى لازىمدۇر. ئەگەر تۈرى ئوخشىمىسا جازانە ئىللەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ نەخ مەيداندا تاپشۇرۋېلىش لازىم. ئەمما نەخ پۇلدا، ئالتۇن – كۈمۈشكە ئوخشاش ئېغىرلىقىنىڭ باراۋەر بولىشى شەرت ئەمەس. ئەگەر جازانىدىن ئىبارەت ئىللەتتە ئوخشاش بولمىسا ياكى جازانە بولىدىغان مالنىڭ تۈرىدىن بولمىسا ھېچنېمە شەرت قىلىنمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا نېسى قىلىش ۋە كام - زىيادە قىلىشقا رۇخسەتتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ