ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەڭمۇ-تەڭ بولمىسا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا ئېلىم-سېتىم قىلىشتىن توستى، ۋە كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە ئېلىم-سېتىم قىلشىمىزغا بۇيرۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ۋاي خۇدايىم، ۋاي خۇدايىم، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، ئۇنداق قىلمىغىن! لېكىن ئەگەر خورما سېتىۋالماقچى بولساڭ، سەن ئۆزۈڭنىڭ خورماڭنى ئايرىم سېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇلىغا خالىغان خورماڭنى سېتىۋالغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئالتۇننى ئالتۇنغا تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش ئالتۇننى ئوخشاش ئالتۇنغا تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش كۈمۈشنى ئوخشاش كۈمۈشكە تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار. شۇنىڭدەك نەخ ئالتۇن-كۈمۈشنى نېسى ئالتۇن-كۈمۈشكە ساتماڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية