عن أبي سعيد الخدري- رضي الله عنه-: جاء بلال إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم بتمر بَرْنِيٍّ، فقال له النبي صلى الله عليه وسلم : «من أين لك هذا؟» قال بلال: كان عندنا تمر رديء، فبعتُ منه صاعين بصاع ليطعم النبي صلى الله عليه وسلم . فقال النبي صلى الله عليه وسلم عند ذلك: «أَوَّهْ، أَوَّهْ، عَيْنُ الربا، عين الربا، لا تفعل، ولكن إذا أردت أن تشتري فَبِعِ التمرَ ببيع آخر، ثم اشتر به».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بەرنىي دېگەن خورمىدىن ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن بۇنى نەدىن ئەكەلدىڭ؟ دەپ سورىدى، بىلال: بىزنىڭ ناچار خورمىمىز بار ئىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېيىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىككى سانى بۇنىڭدىن بىر ساغا ئالماشتۇردۇم، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ۋاي خۇدايىم، ۋاي خۇدايىم، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، ئۇنداق قىلمىغىن! لېكىن ئەگەر خورما سېتىۋالماقچى بولساڭ، سەن ئۆزۈڭنىڭ خورماڭنى ئايرىم سېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇلىغا خالىغان خورماڭنى سېتىۋالغىن!
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بەرنى دېگەن ياخشى خورمىدىن ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئېسىللىكىدىن ھەيران قالدى ۋە سەن بۇنى نەدىن ئەكەلدىڭ؟ دەپ سورىدى، بىلال: بىزنىڭ ناچار خورمىمىز بارئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېيىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىككى سانى مانىڭدىن بىر ساغا ئالماشتۇردۇم، دېدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېغىر كەلدى. ۋاي خۇدايىم، دەپ ئۇھ تارتىپ كەتتى. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ نەزىرىدە گۇناھ-مەسىيەتتىن چوڭراق مۇسىبەت يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سېنىڭ بۇ ئىشىڭ جازانىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلمىغىن! لېكىن ئەگەر ناچار خورمىنى ياخشىسىغا تېگىشمەكچى بولساڭ ئاۋۋال ئۇنى ساتقىن! ئاندىن ئۇ پۇلغا ئېسىلراق خورمىنى سېتىۋالغىن! مانا بۇ ھارامغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھالال يولدۇر. تەيسىرۇل ئەللام شەرھى ئۇمدەتۇل ئەھكام، (568- بەت)

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ