عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال: «قد أصاب عمر أرضًا بخيبر. فأتى النبي صلى الله عليه وسلم يستأمره فيها. فقال: يا رسول الله، إني أصبت أرضًا بخيبر، لم أُصِبْ مالًا قَطُّ هو أنفس عندي منه، فما تأمرني به؟ فقال: إن شِئْتَ حَبَّسْتَ أصلها، وتصدقت بها.
قال: فتصدق بها، غير أنه لا يُباع أصلها، ولا يوهب، ولا يورث.
قال: فتصدق عمر في الفقراء، وفي القربى، وفي الرقاب، وفي سبيل الله، وابن السبيل، والضيف. لا جناح على من وليها أن يأكل منها بالمعروف، أو يطعم صديقًا، غير مُتَمَوِّلٍ فيه»، وفي لفظ: «غير مُتَأثِّلٍ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەردىن بىر زېمىنغا ئىگە بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇ يەرنى قانداق تەسەررۇپ قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ، ئى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم! مەن خەيبەردىن بىر زېمىنغا ئېرىشتىم، مەن ئىلگىرى بۇنىڭدىن ئەتىۋارلىقراق مالغا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنى قانداق قىلىشقا بۇيرۇيلا؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋەخپە قىلغىن ۋە چىققان ھوسۇلنى سەدىقە قىلغىن، دېدى. ئۇ دەيدۇ: ئاشۇنداق سەدىقە قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزى سېتىلمايتتى، ھەدىيە قىلىنمايتتى ۋە مىراسمۇ قالدۇرۇلمايتتى. ئۇ دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پېقىر - مىسكىنلەرگە، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا، قۇل ئازات قىلىشقا، ئاللاھ يولىدىكى ئىشلارغا، پۇلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا ۋە مېھمانلارغا سەرپ قىلدى. ئۇنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقانلار ئۇنىڭدىن نورمال ھالدا ئۆزى يېسە، ياكى دوستىغا يېگۈزسە ئەمما ئۇنى ئۆزىنىڭ پۇلى قىلىۋالمىسىلا بولاتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنى خۇددى ئۆزىنىڭ كونا مېلىدەك قىلىۋالمىسىلا بولاتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەردىن مىقدارى يۈز ئۈلۈشلۈك بىر زېمىنغا ئىگە بولدى، ئۇ يەرنىڭ ياخشىلىقى ۋە ئېسىللىكىدىن ئۆمەرنىڭ ماللىرى ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ئېدى. ساھابە كىراملار باقى دۇنياغا قالىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا مۇسابىقىلىشەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: (ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر) دېگەن ئايىتىدە، سۆزلەنگەن ياخشىلىققا ئېرىشىشتىن تاما قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۇ زېمىننى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا قانداق تەرىقىدە سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق مەسلىھەت سوراپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا سەدىقىنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرىدىن بولغان، مالنىڭ ئەسلىنى ۋەخپە قىلىش يولىنى كۆرسەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى سېتىش، ھەدىيە قىلىش ۋە مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق، ئۇ مالنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى يۆتكەيدىغان ياكى يۆتكەشكە سەۋەبچى بولىدىغان ھېچقانداق مۇئامىلە قىلىنمايتتى. بەلكى پېقىر - مىسكىنلەرگە، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا، قۇل ئازات قىلىش، ياكى دىيەت ۋاجىپ بولغانلارنىڭ دىيىتىنى تۆلەپ قۇتۇلدۇرۇپ قويۇش، ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىتلارغا ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش، ئۆز يۇرتىدىن باشقا جايدا قېلىپ، پۇلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا ۋە مېھمانلارغا سەرپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ، چۈنكى مېھماننى ھۆرمەتلەش ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ۋەخپە دېگەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ۋە سۇغۇرۇشقا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار ئۇنىڭدىن نورمال ھالدا ئۆزى يېسە ئەمما ئۇنى ئۆزىنىڭ مېلى قىلىۋالمىسىلا بولىدۇ. ۋەخپە ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈنلا تۇرغۇزىلىدۇ، ئۇنى پايدا ئېلىش ياكى بايلىق يېغىش ئۈچۈن ئەمەس. ئاگاھلاندۇرۇش: ۋەخپە دېگەن؛ مۇسۇلمان كىشى تەرىپىدىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىك مالنى سەدىقە قىلىشتۇر. ئۇنىڭ پايدىسى ئاشۇ ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئەسلى مال جايىدا تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىرەر تېرىلغۇ يەرنى پېقىرلارغا ۋەخپە قىلسا، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان مېۋە- چىۋە ۋە زىرائەتلەر پېقىرلارغا سەرپ قېلىنىدۇ، يەرنىڭ ئۆزىگە چېقىلمايدۇ