عن أم سلمة رضي الله عنها مرفوعاً: «جاءت امرأة إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم فقالت: يا رسول الله، إن ابنتي توفي عنها زوجها، وقد اشتكت عينها أفَنَكْحُلُها؟ فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : لا -مرتين، أو ثلاثا-، ثم قال: إنما هي أربعة أشهر وعشر، وقد كانت إحداكن في الجاهلية ترمي بالبَعْرَةِ على رأس الحول». فقالت زينب: كانت المرأة إذا توفي عنها زوجها: دخلت حفشا، ولبست شر ثيابها، ولم تَمَسَّ طيبا ولا شيئا حتى تمر بها سنة، ثم تؤتى بدابة -حمار أو طير أو شاة- فتَفْتَضُّ به! فقلما تفتض بشيء إلا مات! ثم تخرج فتُعطى بعرة؛ فترمي بها، ثم تراجع بعد ما شاءت من طيب أو غيره».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، مېنىڭ قىزىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالدى، سۈرمە تارتىپ قويساق بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم (ياق) دېدى. ئاندىن شۈبھىسىزكى، ئىددەت تۆت ئاي ئون كۈندۇر. سىلەر ئاياللار جاھىلىيەت زامانىدا بىر يىل توشقاندا ئاندىن ئىددەتتىن چىقىتتىڭلار، دېدى. زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئىلگىرى ئايال كىشىنىڭ ئېرى ئۆلۈپ قالسا، كىچىك بىر ھۇجرىغا كىرىپ، ئەڭ ناچار كىيىملىرىنى كىيىپ، خۇش- پۇراق قاتارلىق نەرسىلەردىن ھېچ نەرسە ئىشلەتمەي بىر يىلنى ئۆتكۈزەتتى، ئاندىن بىرەر ھايۋان يەنى ئىشەك ياكى قۇش، قوي قاتارلىق نەرسىلەرگە سۈركۈنەتتى. بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى جاراسىم ۋە سېسىق پۇراقلار مەلۇم دەرىجىدە كېتەتتى. ئاندىن ئۇ ئايال تۇرغان جايىدىن چىقاتتى ۋە ئۇنىڭغا بىر تېزەك كەلتۈرۈلسە، ئۇنى ئاتاتتى. ئاندىن ئۆزى خالىغان خۇش- پۇراق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى ئىشلىتەتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئىسلام دىنى كېلىپ كىشىلەردىن خۇسۇسەن ئاياللاردىن جاھىلىيەتنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرلەر ئايال كىشىگە ناچار مۇئامىلە قىلىپ زۇلۇم قىلاتتى، ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغدىدى. بۇ ھەدىستە بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ يولدىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇ قىزنىڭ ئىددەت تۇتۇۋاتقانلىقى، ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ زىبۇ- زىننەتتىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكى، لېكىن قىزىنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ سۈرمە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت بارمىدۇ؟ دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، دېدى ۋە تەكىتلەش ئۈچۈن تەكرارلاپ ئېيتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇپ ئولتۇرىدىغان مۇددەتنى ئاز قالدۇرۇپ، تۆت ئاي ئون كۈن قىلدى. بۇ قىسقا مۇددەتكىمۇ سەبىر قىلمامدۇ ئەمدى؟. جاھىلىيەتتە سىلەرنىڭ ئىددەت تۇتقانلىرىڭلار ياۋا ھايۋاننىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايدىغان كىچىك بىر ھۇجرىغا كىرىۋىلىپ، زىبۇ - زىننەت، خۇشپۇراق، سۇ ئىشلىتىش ۋە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشتىنمۇ يىراق تۇراتتى، بىر يىل كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشايتتى ۋە ئۇ ئايالغا مەينەتچىلىكلەر ئۈستى-ئۈستىگە چاپلىشىپ كېتەتتى. ئېرى ئۆلگەن ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇش مۇددىتى تۈگىسە، ئۇنىڭغا ھايۋاننىڭ تىزىكى كەلتۈرۈلەتتى، ئۇ ئايال ئۇنى ئاتاتتى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت؛ ئۇ ئايال بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىق ۋە سىقىلىشلار، ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئالدىدا ھېچنېمىگە تەڭ كەلمەيدۇ، دېگەنلىكىگە ئىشارەت ئېدى. ئىسلام دىنى كېلىپ ئۇ ئاياللارنىڭ ئاشۇ قىيىنچىلىقىنىڭ ئورنىغا نېمەت، تارچىلىقنىڭ ئورنىغا باياشاتچىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆزىگە سۈرمە تارتىشتىن چەكلىنەلمىسە، ئىددەت تۇتقۇچى ئاياللارنىڭ زىبۇ - زىننەت ئىشلىتىشىگە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئايالغا رۇخسەت يوق، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ