ئىددەت تۇتۇش

7ھەدىسلەر تىزىملىكى 3قوشۇمچە ئەسەرلەر

ھەدىسلەر تىزىملىكى 7

ئايال كىشى ئىرىدىن باشقا مېيىتكە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتسا بولمايدۇ، پەقەت ئىرىگە تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتىدۇ، (بۇ ۋاقىتلاردا) رەڭلىك كىيىم كەيمەيدۇ، سۈرمە تارتمايدۇ، پەقەت ھەيىزدىن پاك بولغاندا ئازراق پۇراقلىق نەرسە ئىشلەتكەندىن باشقا، ھېچ قانداق خۇش پۇراق نەرسە ئىشلەتمەيدۇ
ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھەرقانداق بىر ئايالغا، بىرەر ئۆلۈم ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن زىيادە ھازا تۇتۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. پەقەت ئېرى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭغا تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ
ئىلگىرى ئايال كىشىنىڭ ئېرى ئۆلۈپ قالسا، كىچىك بىر ھۇجرىغا كىرىپ، ئەڭ ناچار كىيىملىرىنى كىيىپ، خۇش- پۇراق قاتارلىق نەرسىلەردىن ھېچ نەرسە ئىشلەتمەي بىر يىلنى ئۆتكۈزەتتى، ئاندىن بىرەر ھايۋان يەنى ئىشەك ياكى قۇش، قوي قاتارلىق نەرسىلەرگە سۈركۈنەتتى