عن الفُرَيْعَةَ بنت مالك بن سنان، وهي أخت أبي سعيد الخدري رضي الله عنهما أنها جاءت إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم تسأله أن ترجع إلى أهلها في بني خُدْرَةَ، فإن زوجها خرج في طلب أَعْبُدٍ له أَبَقُوا، حتى إذا كانوا بِطَرَفِ الْقَدُومِ لحقهم فقتلوه، فسألت رسول الله صلى الله عليه وسلم : أن أرجع إلى أهلي، فإني لم يتركني في مسكن يملكه، ولا نفقة؟ قالت: فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «نعم»، قالت: فخرجت حتى إذا كنت في الحُجْرَةِ، أو في المسجد، دعاني، أو أمر بي، فَدُعِيتُ له، فقال: «كيف قلت؟»، فرددت عليه القصة التي ذكرت من شأن زوجي، قالت: فقال: «امْكُثِي في بيتك حتى يبلغ الكتاب أَجَلَهُ»، قالت: فاعتددت فيه أربعة أشهرٍ وعشرًا، قالت: فلما كان عثمان بن عفان أرسل إِلَيَّ فسألني عن ذلك، فأخبرته فَاتَّبَعَهُ، وقضى به.
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي وابن ماجه ومالك والدارمي وأحمد]
المزيــد ...

پۇرەيئە بىنتى مالىك ئىبنى سىنان رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئۇ ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى بولۇپ، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ بەنى خەدرە مەھەللىسىدىكى ئائىلىسىگە قايتىشنى سورايدۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۆزىنىڭ قىچىپ كەتكەن قۇلىنى ئىزدەپ چىققان بولۇپ، مەدىنىگە ئون كىلۇمىتىر كېلىدىغان جايدا ئۇلارغا يېتىشىۋالغاندا ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئېدى، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆز ئائىلىسىگە قايتىشنى سوراپ: ئېرىم ماڭا ئولتۇرىدىغانغا ئۆي ۋە خىراجەت قىلىدىغان بىر نەرسە قويۇپ قويمىدى؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «ئۆيىڭىزگە قايتسىڭىز بولىدۇ» دېدى. ئۇ ئايال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىقىپ تاشقىرى ئۆيگە ياكى مەسچىتكە چىققان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى چاقىردى ياكى بىر كىشىنى مېنى چاقىرىشقا بۇيرىدى، مەن قايتىپ كىرسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماڭا نېمە دېگەن ئېدىڭىز؟ دېدى، مەن ئېرىمنىڭ ئەھۋالىنى قايتىدىن سۆزلەپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئېرىڭىزنىڭ ئىددەت ۋاقتىنى تۈگەتكىچە ئۆيىڭىزدە تۇرۇڭ دېدى، مەن ئۇ ئۆيدە تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتتۇم دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ خىلاپەت دەۋرىدە ئۇ ۋەقەلىكنى سوراپ مېنىڭ يېنىمغا ئادەم ئەۋەتىپتۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلدىم، ئۇ كىشى مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئېرى ۋاپات بولغان ساھابە ئايالنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئايال ئېرى بىلەن بىرگە تۇرغان ئۆيدىن باشقا بىر جايغا بېرىپ ئىددەت تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىزنى سورىغان،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا ئاللاھ تائالانىڭ ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالغا ئىددىتى توشۇپ بولغىچە ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇ ھەدىس ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىددىتىنى ۋە ئېرىگە قارىلىق تۇتۇشىنى ئىلگىرى ئۆزى ئېرى بىلەن بىرگە ياشىغان ئۆيدە تاماملىشى كېرەكلىكىنى، ئىددەت ۋاقتى توشماستىن ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەسلى قائىدىدۇر، ئىددەتنىڭ تامام بولىشى ھامىلدار ئايال بولسا بالىسىنى تۇغۇش بىلەن، ھامىلدار بولمىسا تۆت ئاي ئون كۈننى تولۇقلاش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ