عن جابر بن عبد الله قال: طُلِّقَتْ خالتي، فأرادت أن تَجُدَّ نَخْلَهَا، فَزَجَرَهَا رجل أن تخرج، فأتت النبي صلى الله عليه وسلم فقال: «بلى فَجُدِّي نَخْلَكِ، فإنك عسى أن تَصَدَّقِي، أو تفعلي معروفا».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ھاممام يولدىشىدىن سۆزىنى ئالغاندا، ئۇ ئىددەت جەريانىدا خورمىزارلىققا چىقىپ خورما يىغىشقا ماڭغاندا بىر كىشى ئۇنى سىرىتتا يۈرۈشتىن توستى. ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىلىپ بۇ ھەقتە سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: بەلكى چىقىپ خورما يىغىپ كېلىڭ، بەلكى سىز ئۇ خورمىلارنى سەدىقە قىلارسىز، ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلارسىز، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىس تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرغان، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاممىسى يولدىشى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندە خورمىزارلىققا چىقىپ خورما يىغىشقا ماڭغان، شۇ ۋاقىتتا بىر كىشى ئۇنى سىرتتا يۈرۈشتىن توسقان. ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ھەقتە سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: بەلكى چىقىپ خورما يىغىپ كېلىڭ، بەلكى سىز ئۇ خورمىلارنى سەدىقە قىلارسىز ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلارسىز، دېگەن، بۇنىڭدىن كەسكىن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى، ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشىغا ئوخشىمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئومۇمەن ئىددەت ئېچىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولسىمۇ ئەمما كەسكىن تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرى ئۈچۈن چىقسا بولىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ ئۆيى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېگەن، بۇ ئىبادەت قىلىش، مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇش ۋە ياخشى ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايدىغانلار ئۈچۈن بولسا، باشقىلار ئۈچۈن قانداق بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ