عن عمر بن الخطاب أنه قال: «أَيُّمَا امرأة فَقَدَتْ زوجها فلم تَدْرِ أين هو؟ فإنها تَنْتَظِرُ أَرْبَعَ سِنِينَ، ثم تَعْتَدُّ أَرْبَعَةَ أشهر وعشرا ثم تَحِلُّ».
[صححه الحافظ ابن حجر] - [رواه مالك]
المزيــد ...

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: ئېرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئايال تۆت يىل كۈتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن تۇرمۇشلۇق بولسا بولىدۇ
شەيخ ئەلبانىينىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان ھۆكمىنى تاپالمىدىم - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېرى يوقاپ كەتكەن ئايالنىڭ يوقالغاندىن باشلاپ تۆت يىل كۈتىدىغانلىقى، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن ياتلىق بولسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەسەرلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا ياكى سۇغا چۆكۈپ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەن يوقاپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆلگەنلىكى ۋە ھالاك بولغانلىقىغا گۇمان كۈچلۈك بولغانلارغا دەلىل قىلغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ