عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «إنما جُعِلَ الإمام ليِؤُتَمَّ به، فلا تختلفوا عليه، فإذا كبر فكبروا، وإذا ركع فاركعوا، وإذا قال: سمع الله لمن حمده، فقولوا: ربنا ولك الحمد. وإذا سجد فاسجدوا، وإذا صلى جالسا فصلوا جلوسا أجمعون».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىمام ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئەگەر ئۇ ئاللاھۇ ئەكبەر، دېسە، بىللە دەڭلار. ئەگەر رۇكۇ قىلسا، بىللە قىلىڭلار. ئەگەر سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دېسە، سىلەر: رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ، دەڭلار. ئەگەر سەجدە قىلسا، بىللە قىلىڭلار! ئەگەر ئۇ نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇپ ئىمام بولسا، سىلەر ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەت بولغانلارغا، ئىمامنىڭ نېمە ئۈچۈن تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. نامازخانلار نامازلىرىدا ئۇنىڭغا ئەگىشىشى، ناماز ئىچىدىكى ئەمەللەرنىڭ بىرەرسىدە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماستىن، بەلكى ئىمامنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل رىئايە قىلىشى لازىم. ئەگەر نامازنى باشلاش ئۈچۈن ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، سىلەرمۇ بىللە دەڭلار. ئەگەر رۇكۇ قىلسا، ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر"سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە" دېسە (شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقۇچىلارغا جاۋاپ بەرگۈچىدۇر)، سىلەرمۇ (رەببەنا لەكەلھەمدۇ) دەپ، ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىڭلار. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەلگەن بۇندىن باشقا رىۋايەتلەر، مەسىلەن: (رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ)، (ئاللاھۇممە رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ)، (ئاللاھۇممە رەببەنا لەكەلھەمدۇ) دەپ كەلگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىڭلار. ئەگەر ئىمام سەجدە قىلسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئۆرە تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەنلىك سەۋەبىدىن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن، گەرچە سىلەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولساڭلارمۇ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ