1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ھەدىس چوكان ئوچۇق گەپ بىلەن ماقۇلغا كەلمىگۈچە نىكاھى قىلىنمايدۇ. قىز رۇخسەت بەرمىگۈچە نىكاھى قىلىنمايدۇ. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! قىزنىڭ رۇخسىتى قانداق بولىدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ سۇكۇتتا تۇرغىنى ماقۇل دېگىنىدۇر، دېدى

عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «لا تنُكْحَ ُالأيُّم حتى تُستأمر، ولا تنكح البكر حتى تُستَأذن، قالوا: يا رسول الله، فكيف إذنها قال: أن تسكت».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چوكان ئوچۇق گەپ بىلەن ماقۇلغا كەلمىگۈچە نىكاھى قىلىنمايدۇ. قىز رۇخسەت بەرمىگۈچە نىكاھى قىلىنمايدۇ. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! قىزنىڭ رۇخسىتى قانداق بولىدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ سۇكۇتتا تۇرغىنى ماقۇل دېگىنىدۇر، دېدى

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

نىكاھ ئەھدىسى ئەڭ خەتەرلىك ئەھدىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن ئەر كىشى، ئايال كىشى ئەڭ قاتتىق ھىمايە قىلىۋاتقان نەرسىنى ئۆزىگە ھالال قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئايالنىڭ ئەۋرىتى. بۇ ئەھدى بىلەن ئايال ئەرنىڭ ئىلكىگە باغلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئادىل، ناھايىتى رەھىمدىل ۋە ئەڭ ھېكمەتلىك پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئايالغا ئۆزىنىڭ ھاياتلىق جۈپتىنى تاللاش ھوقۇقىنى، ئۇنىڭغا ئۆزى ئويلىنىپ تاللاش ئىختىيارلىقىنى بەردى. چۈنكى ئۇ ئەر بىلەن ئۆي تۇتىدىغان كىشى ئۇ ئايال بولغاچقا، بۇ ئايال ئۆزىنىڭ رىغبىتىنى ۋە قىزىقىشلىرىنى ئۆزى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوكاننىڭ ئوچۇق بۇيرۇقىنى ئالمىغۇچە نىكاھلاپ قويۇشتىن چەكلىدى. شۇنىڭدەك، قىزنىمۇ بۇ ئىشتا رۇخسىتىنى ئالماستىن نىكاھلاپ قويۇشتىن چەكلىدى. چۈنكى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھايا قىلىش غالىپ كېلىپ، ئوچۇق دىيەلمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇيرۇشتىن يەڭگىلراق بولغان سۇكۇت بىلەن كۇپايىلەندى، چۈنكى قىزنىڭ سۇكۇت قىلىشى ئۇنىڭ رازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

18 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية