عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «لا يجُمَعُ بين المرأة وعمتها، ولا بين المرأة وخالتها».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى تەرەپتىن بولغان ھاممىسى بىر ئەرنىڭ زىممىسىدە بولمايدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ پاك شەرىئەت كىشىلەرگە ياخشىلىق ۋە پايدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى، زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىق بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىگە قارشى كۆرەش قىلدى. ئۇنىڭ قاتارىدىن؛ بۇ شەرىئەت بىر بىرىمىز بىلەن چىقىشىپ، مېھرى - مۇھەببەت بىلەن ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ۋە يىراقلىشىش، ئالاقىنى ئۈزۈش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشىشتىن چەكلىدى. شەرىئەت بەزى مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى ھالال قىلدى، كۆپۈنچە ھالدا ئەر كىشى كۆپ خوتۇنلۇق بولسا ئۇ خوتۇنلار ئارىسىدا ھاسىل بولىدىغان كۈنلەش سەۋەبىدىن ئۆچ - ئاداۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدا ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ يۈز بېرىشىدىن قورقۇپ، كۆپ خوتۇنلۇقنىڭ بەزى تۇغقانلار ئارا بولۇپ قېلىشىدىن چەكلىدى. مەسىلەن: ئاچا - سىڭىللارنى بىر- بىرسىنىڭ ئۈستىگە، دادىسى تەرەپتىن ھاممىسىنى ئوغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ئۈستىگە، قىز قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئانا تەرەپتىن ھاممىسىنىڭ ئۈستىگە نىكاھلاپ ئېلىشتىن ۋە ئۇندىن باشقىلاردىن چەكلىدى. مەسىلەن: ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنى ئوغۇل، يەنە بىرىنى قىز، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنسا، ئا ئوغۇلغا ما قىزنى نىكاھلاپ ئېلىش نەسەپ جەھەتتىن ھارام بولىدىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىنى جۇغلاپ ئېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ ھەدىس، ئاللاھ تائالانىڭ، (ئۇندىن باشقىلار سىلەرگە ھالال قىلىندى) دېگەن سۆزىنىڭ ئومۇمى مەناسىنى ئىپادىلەيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ