عن عبد الله بن زمعة رضي الله عنه أنّه سمع النبي صلى الله عليه وسلم يخطب، وذكر الناقة والذي عقرها، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إذِ انبَعَثَ أشقاها: انْبَعَثَ لَهَا رجل عزِيز، عَارِم منيع في رَهطِه»، ثم ذكر النساء، فوعظ فيهنَّ، فقال: «يَعمِد أحدكم فيجلد امرأته جلد العبد، فلعلَّه يُضَاجِعُهَا من آخر يومه» ثمَّ وعظهم فِي ضَحِكِهم من الضَّرطَة، وقال: «لم يضحك أحدكم ممَّا يفعل؟!».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبىسىدە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئاڭلىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەينى ۋاقىتتا سەمۇد قەۋمىدىن ئەڭ بەدبەخت ئادىمى تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى»، يەنى: ئۇ تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە نوپۇزلۇق، كىشىلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھەم ئەسكى ئادەم ئالدىرىغان ئىدى،- دېدى. ئاندىن ئاياللارنى تىلغا ئالدى، ئۇلار ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ: بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ بولۇپ، كېچىسى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ قېلىشى مومكىن،- دېدى. بىراۋ ئوسۇرۇپ سالسا كۈلمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىمۇ قىلىپ سالىدىغان ئىشلارغا كۈلمىسۇن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلىگەن خۇتبىنى ئابدۇللاھ ئىبنى زەمئە ئاڭلىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ خۇتبىسىدە سالىھ ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزە قىلىپ بېرىلگەن تۆگىنى ۋە ئۇ تۆگىنى ئۆلتۈرۋەتكەن كىشىنى تىلغا ئالدى، ئۇ قەۋمنىڭ ئەڭ بەدبەخىت ئادىمى بولۇپ، ئىسمى قۇدار ئىدى. ئۇ: ئوخشىشى كەم تىپىلىدىغان، ئىنتايىن بۇزغۇنچى، قەۋمى ئىچىدە نوپۇزلۇق كىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خۇتبىسىدە: «بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ»، دېدى. بۇ ئەدەبلەش يۈزىسىدىن قۇلنى قاتتىق ئۇرۇشنىڭ، ئاياللارنى يىنىك ئۇرۇشنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھەدىستە: ئايالىنى قاتتىق ئۇرۇپ، ئايالىنى ئۇرغان كېچىسى ياكى كۈندۈزىدە بىرگە بولۇشتەك ئىككى ئىشنىڭ ئەقىللىق كىشىدىن يۈز بېرىشىنى يىراق سانىغان. چۈنكى تۇرمۇشتا ئايال بىلەن بىرگە بولۇش ياكى بىللە يىتىش كۆڭلى تارتىپ، قىزىققاندىلا ياخشى بولىدۇ. قامچىلانغۇچى كۆپىنچە قامچىلىغان ئادەمدىن نەپرەتلىنىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئەيىپلىنىدىغانلىقى ئىشارە قىلىنغان.ئۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا يىرگىنىش، ئۇرۇشتا ئاشۇرىۋىتىش ۋە ئەدەپلەشكە سەل قاراش ئىشلىرى يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن يىنىك ئەدەپلەش كېرەك. «ئاندىن يەنە ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى»، يەنى يەل قويۇپ بېرىشنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتىن ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى بۇ ھۆرمەت دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئادىمىگەرچىلىككە زىت ئىش. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزى قىلىدىغان ئىشتىن كۈلىدۇ؟ دېدى. چۈنكى كۈلۈش پەقەت ئەجەبلىنەرلىك، ئالاھىدە ئىشلارغا بولىدۇ، كۈلكىنىڭ تەسىرى ئادەم چىھرىدە نامايەن بولسا تەبەسسۇم بولىدۇ، كۈشلۈك، ئاۋازلىق چىققاندا كۈلكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولسا قاقاھلاپ كۈلۈش بولىدۇ، يەل قويۇپ بېرىش ھەر بىر ئىنساندىن يۈز بېرىدىغان نۇرمال ئىش تۇرۇغلۇق، بۇ ئىش بىرەر كىشىدىن سادىر بولغاندا نېمە ئۈچۈن كۈلىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ