عَنْ أَبِي عَبْدِ الرَّحْمَنِ السُّلَمي رحمه الله قَالَ:
حَدَّثَنَا مَنْ كَانَ يُقْرِئُنَا مِنْ أَصْحَابِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَنَّهُمْ كَانُوا يَقْتَرِئُونَ مِنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَشْرَ آيَاتٍ، فَلَا يَأْخُذُونَ فِي الْعَشْرِ الْأُخْرَى حَتَّى يَعْلَمُوا مَا فِي هَذِهِ مِنَ الْعِلْمِ وَالْعَمَلِ، قَالُوا: فَعَلِمْنَا الْعِلْمَ وَالْعَمَلَ.

[حسن] - [رواه أحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ ئابدۇراھمان سۇلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىزگە قۇرئان ئۈگۈتىدىغان كىشىلەر ھەدىس بايان قىلىدۇكى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى ئۈگۈنۈشكە ئۆتمەيتتى، ئۇلار: بىز ئىلىم بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئۈگەندۇق دەيتتى.

ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان كەرىمدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە، ئۇلار مۇشۇ ئون ئايەتتىكى ئىلىمنى ئۈگۈنۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ ئۆزلەشتۈرمىگىچە باشقا ئايەتلەرگە ئۆتمەيتتى، ئۇلار ئىلىمنى ئەمەل بىلەن بىرگە ئۈگۈنەتتى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ساھابىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئان ئۈگۈنۈشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
  2. قۇرئان كەرىمنى ئۈگۈنۈش دېگەن: ئۇنى ئوقۇپ ياد قىلىش بىلەنلا بولمايدۇ بەلكى ئۇنى بىلىش ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.
  3. بىر نەرسىنى سۆزلەش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى بىلىش كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ