كىمىكى مۆمىندىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋەتسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن قىيامەتنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۋىتىدۇ، كىمىكى بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ، كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيپىنى ياپىدۇ
ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى بىر ئەرنىڭ ئىدارە قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى ئۈگۈنۈشكە ئۆتمەيتتى
ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ئەبەدىيدۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دېدىم. [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئى ئابا مۇنزىر! ئىلىم ساڭا ئاسان بوپتۇ» دېدى