عَنْ أَنَسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ، قَالَ: لَأُحَدِّثَنَّكُمْ حَدِيثًا سَمِعْتُهُ مِنْ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لاَ يُحَدِّثُكُمْ بِهِ أَحَدٌ غَيْرِي: سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«إِنَّ مِنْ أَشْرَاطِ السَّاعَةِ أَنْ يُرْفَعَ العِلْمُ، وَيَكْثُرَ الجَهْلُ، وَيَكْثُرَ الزِّنَا، وَيَكْثُرَ شُرْبُ الخَمْرِ، وَيَقِلَّ الرِّجَالُ، وَيَكْثُرَ النِّسَاءُ حَتَّى يَكُونَ لِخَمْسِينَ امْرَأَةً القَيِّمُ الوَاحِدُ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بىرەي، ئۇ ھەدىسنى سىلەرگە مەندىن باشقا ھېچ كىم سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى بىر ئەرنىڭ ئىدارە قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىق ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ، ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن شەرئى ئىلىملەرنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى دېدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە: جاھىللىق ۋە نادانلىق تارقىلىپ ئەتراپنى قاپلايدۇ، زىنا-پاھىشە ئەۋىج ئالىدۇ، ھاراق ئېچىدىغانلار كۆپ بولىدۇ، ئەرلەرنىڭ سانى ئازلاپ ئاياللارنىڭ سانى كۆپىيدۇ، ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى ئىدارە قىلىش، ھالىدىن خەۋەر ئىلىش بىر ئەرگە يۈكلىنىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.
  2. قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىشنى ئۆزىگە خاسلاستۇرغان غەيبى ئىلىملەردىن ئىبارەتتۇر.
  3. ئۆلىمالارنىڭ ۋاپات بولۇشىدىن ئىلگىرى ئۇلاردىن شەرئى ئىلىملەرنى ئۈگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
تېخىمۇ كۆپ