عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«لاَ تَقُومُ السَّاعَةُ حَتَّى يَمُرَّ الرَّجُلُ بِقَبْرِ الرَّجُلِ فَيَقُولُ: يَا لَيْتَنِي مَكَانَهُ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 7115]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
« بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 7115]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ شۇ مېيىتنىڭ ئورنىدا قەبىردە بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇ كىشى ئۆزىدىن ئەنسىرەپ باتىل ۋە ئۇنىڭ ئەھلى غالىپ كېلىپ، گۇناھ-مەسىيەت، پىتنە -پاساتلار ئاشكار بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ دىنى كىتىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ شۇنداق دەيدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاخىر زاماندا پىتنە-پاسات ۋە گۇناھ-مەسىيەتنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر.
  2. ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، پىتنە-پاسات، بالا-مۇسىبەت ئۇرۇنلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىپ ئىھتىيات قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (55)
تېخىمۇ كۆپ