عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي -صلى الله عليه وآله وسلم- قال: «مَن نَفَّسَ عن مؤمنٍ كُرْبَةً من كُرَبِ الدُّنيا نَفَّسَ اللهُ عنه كُرْبَةً من كُرَبِ يومِ القِيَامَة، ومن يَسَّرَ على مُعْسِرٍ يَسَّرَ اللهُ عليه في الدُّنيا والآخرةِ، ومن سَتَرَ مُسْلِمًا سَتَرَهُ اللهُ في الدُّنيا والآخرةِ، واللهُ في عَوْنِ العَبْدِ ما كَانَ العبدُ في عَوْنِ أَخِيهِ، ومن سَلَكَ طَرِيقًا يَلتَمِسُ فِيهِ عِلمًا سَهَّلَ اللهُ له به طريقًا إلى الجنةِ، وما اجْتَمَعَ قَوْمٌ في بيتٍ من بيوتِ اللهِ يَتْلُونَ كتابَ اللهِ ويَتَدَارَسُونَهُ بينهم إلا نَزَلَتْ عليهم السَّكِينَةُ وغَشِيَتْهُمُ الرَّحْمَةُ وحَفَّتْهُمُ الملائِكَةُ، وذَكَرَهُمُ اللهُ فِيمَنْ عِندَهُ، ومَن بَطَّأ به عمله لم يُسرع به نَسَبُهُ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: كىمىكى مۆمىندىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋەتسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن قىيامەتنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۋىتىدۇ، كىمىكى بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ، كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيپىنى ياپىدۇ. بىر بەندە قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدىلا بولىدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ، كىمىكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا بولسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەت يولىنى ئاسان قىلىپ بىرىدۇ، قانداق بىر قەۋىم ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىرىگە يىغىلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ئۇنى ئۆز-ئارا ئۈگىنىشىدىكەن ئۇلارغا ئاللاھ تائالا خاتىرجەملىكنى چۈشۈرىدۇ، ئۆز رەھمىتىگە ئالىدۇ، مالائىكىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھۇزۇرىدىكىلەرگە ماختاپ تىلغا ئالىدۇ. كىمنىڭكى ئەمەل-ئىبادىتى ئاز بولسا، ئۇ كىشىنى نەسىبى جەننەتكە كىرگۈزەممەيدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىس شەرىپ بىزگە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۇرىدۇ: كىمىكى مۇسۇلماندىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋەتسە ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بىر كىشنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە ياكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيبىنى ياپسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ تۈرىدىن مۇكاپات بىرىدۇ. بىر كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قىيىن ئشلاردا ياردەم بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇۋەپپەقىيەت قىلىدۇ، كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يول يۈرسە، زىكىر-تەسبىھ سورۇنلىرىغا بارسا، ئىلمىگە ئەمەل قىلىدىغان يىتىشكەن ئالىملارنىڭ دەرس سورۇنلىرىغا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن بارسا، بۇ ھەقتە مەنىۋى يوللارنىمۇ باسسا، خۇددى مۇزاكىرە قىلىش، قىرائەت قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ۋە پايدىلىق ئىلىملارغا مۇيەسسەر بولغاندا بۇ ھەقتە ئويلىنىشتەك، يەنى بۇ قەدەملەرنى ياخشى نىيەت ۋە ئىخلاس بىلەن باسسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىلىمگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا خاتىرجەملىكنى، كەڭ رەھمىتىنى بىرىدۇ ۋە مالائىكىلەرنىڭ شۇلار بىلەن سورۇنداش بولۇش، ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك ماقامىدا ماختاش شەرىپىنى بىرىدۇ. ئاخىرەتتىكى شەرەپ؛ ئىنساننىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىش ۋە نەسىبى بىلەن بولماستىن بەلكى ئەمەل ۋە ئىبادەتلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ