عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ رضي الله عنهما أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«لَا تَعَلَّمُوا الْعِلْمَ لِتُبَاهُوا بِهِ الْعُلَمَاءَ، وَلَا لِتُمَارُوا بِهِ السُّفَهَاءَ، وَلَا تَخَيَّرُوا بِهِ الْمَجَالِسَ، فَمَنْ فَعَلَ ذَلِكَ، فَالنَّارُ النَّارُ».

[صحيح] - [رواه ابن ماجه] - [سنن ابن ماجه: 254]
المزيــد ...

جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىلىمنى ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش ۋە پەخىر قىلىش، نادانلارغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈش ۋە سورۇنغا باش بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۈگەنمەڭلار، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە دوزاخ لايىقتۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سۈنەن ئىبنى ماجە - 254]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقىلارغا پەخىر قىلىش، ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش، ئۆزىنى مەنمۇ سىلەردەك ئالىم دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ياكى نادانلارغا، ئەقىلسىزلەرگە خىتاب قىلىش، ئۇلارنى ئۆزىگە كۆرسىتىش ياكى سورۇنغا باش بولۇپ، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى مەقسەت قىلىش مەقسىدىدە ئىلىم تەلەپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ رىيا قىلغانلىقى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشتا ئاللاھ ئۈچۈن خالىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشى دوزاخقا لايىق بولىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىلىمنى ئىلىم بىلەن پەخىر قىلىش، مۇنازىرە قىلىش، سورۇننىڭ بېشىدا ئولتۇرۇش قاتارلىق توغرا بولمىغان مەقسەت بىلەن ئۈگەنگەن كىشىگە دوزاخ ئازابى ۋەدە قىلىندى.
  2. ئىلىم ئۈگىنىدىغان ۋە ئۈگۈتىدىغان كىشىنىڭ نىيىتىنىڭ خالىس بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىنىدۇ.
  3. نىيەت ئەمەلنىڭ ئاساسىدۇر، جازا-مۇكاپات نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (65)
تېخىمۇ كۆپ