عَنْ النَّوَّاسِ بْنِ سَمْعَانَ الْأَنْصَارِيِّ رضي الله عنه عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«ضَرَبَ اللهُ مَثَلًا صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا، وَعَلَى جَنْبَتَيْ الصِّرَاطِ سُورَانِ، فِيهِمَا أَبْوَابٌ مُفَتَّحَةٌ، وَعَلَى الْأَبْوَابِ سُتُورٌ مُرْخَاةٌ، وَعَلَى بَابِ الصِّرَاطِ دَاعٍ يَقُولُ: أَيُّهَا النَّاسُ، ادْخُلُوا الصِّرَاطَ جَمِيعًا، وَلَا تَتَعَرَّجُوا، وَدَاعٍ يَدْعُو مِنْ فَوْقِ الصِّرَاطِ، فَإِذَا أَرَادَ يَفْتَحُ شَيْئًا مِنْ تِلْكَ الْأَبْوَابِ، قَالَ: وَيْحَكَ لَا تَفْتَحْهُ، فَإِنَّكَ إِنْ تَفْتَحْهُ تَلِجْهُ، وَالصِّرَاطُ الْإِسْلَامُ، وَالسُّورَانِ: حُدُودُ اللهِ، وَالْأَبْوَابُ الْمُفَتَّحَةُ: مَحَارِمُ اللهِ، وَذَلِكَ الدَّاعِي عَلَى رَأْسِ الصِّرَاطِ: كِتَابُ اللهِ، وَالدَّاعِي مِنِ فَوْقَ الصِّرَاطِ: وَاعِظُ اللهِ فِي قَلْبِ كُلِّ مُسْلِمٍ».

[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد]
المزيــد ...

نەۋۋاس بىن سەمئان ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈچۈن بولغان توغرا يولنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ بەردى: توغرا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى سىپىل بار، ئىككى سېپىلدا ئوچۇق ئېشىكلەر بار، ئېشىكلەردە ساڭگىلاپ تۇرغان مىلەڭزىلەر تارتىلغان، توغرا يولدىكى ئېشىكتە بىر چاقىرغۇچى : ئى ئىنسانلار! توغرا يولغا كېرىڭلار، قىڭغىر كەتمەڭلار دەيدۇ. توغرا يولنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن بىر چاقىرغۇچى: توغرا يولدىكىلەر ئەتراپتىكى ئېشىكلەردىن بىرەرنى ئېچىشنى مەقسەت قىلسا: ئېسىت ساڭا! ئۇ ئېشىكنى ئاچمىغىن، ئەگەر ئۇ ئېشىكنى ئاچساڭ ئۇنىڭغا كېرىپ كىتىسەن دەيدۇ، توغرا يول: ئىسلامدۇر، ئىككى تەرىپىدىكى سېپىل: ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئوچۇق ئېشىكلەر: ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، توغرا يولنىڭ بېشىدىكى چاقىرغۇچى بولسا: ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، توغرا يولنىڭ ئۈستىدىن چاقىرغۇچى بولسا: ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىلىدىكى ئاللاھنىڭ نەسىھىتىدۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنى بايان قىلىپ بەردىكى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسلامغا مىسال قىلىپ: ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يولنى بايان قىلدى، بۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇنى ئوراپ تۇرغان ئىككى تام ياكى ئىككى سېپىل بار، بۇ ئىككى سېپىل ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى، بۇ ئىككى تامنىڭ ئارىسىدا ئوچۇق ئېشىكلەر بار، بۇ ئاللاھ ھارام قىلغان، چەكلىگەن ئىشلاردۇر، ئۇ ئېشىكلەردە پەردىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېچىدىكى نەرسىلەرنى سېرتتىن ئۆتكەنلەر كۆرەلمەيدۇ، ئۆ يولنىڭ بېشىدا كىشىلەرنى يېتەكلەيدىغان ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر چاقىرغۇچى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە : ئەتراپقا ۋە ئىككى تەرەپكە بۇرۇلماي تۈز يولدا مېڭىڭلار دەيدۇ، بۇ چاقىرغۇچى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، بۇ يەردە توغرا يولنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر چاقىرغۇچى بولۇپ، توغرا يولدا كېتىۋاتقانلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېشىكلەرنىڭ پەردىلىرىنى ئېچىپ بىقىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلارنى چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ: ۋاي ئېسىت! ئۇنى ئاچمىغىن، ئەگەر سەن ئۇنى ئاچساڭ، ئېچىگە كېرىپ كىتىسەن، ئۇ يەرگە كېرىشتىن ئۆزۈڭنى تۇتۇشقا قادىر بولالمايسەن دەيدۇ، بۇ چاقىرغۇچى بولسا، ئۇ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىلىدىكى ئاللاھنىڭ نەسىھىتىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىسلام بولسا ھەق دىن بولۇپ، ئۇ بىزنى جەننەتكە يەتكۈزىدىغان توغرا يولدىن ئىبارەتتۇر.
  2. ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان ۋە ھارام قىلغان نەرسىلەردە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنىڭغا سەل قاراش بىپەرۋالىق قىلىش ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
  3. بۇيۇك قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقى، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بار، ھىدايەت، نۇر ۋە نىجاتلىق قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ.
  4. مۇئ‍مىنلەرنىڭ قەلبىدە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى ھالاكەتكە چۈشۈپ قىلىشتىن چەكلەيدىغان بىر ئامىلنىڭ بولىشى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدىندۇر.
  5. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن بەندىلىرىنى گۇناھ-مەئ‍سىيەتكە چۈشۈپ قىلىشتىن چەكلەيدىغان توساقلارنى قىلدى.
  6. بىر ئىشنى مىسال بايان قىلىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ۋە ئوچۇقلاشتۇرۇش بولسا تەلىم-تەربىيە ۋاستىلىرىدىن بىرىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ