عن ابن عمر رضي الله عنهما أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «إنّما مَثَلُ صَاحبِ الْقُرْآنِ كَمَثَلِ الإِبِلِ المُعَقَّلَةِ، إنْ عَاهَدَ عَلَيْهَا أمْسَكَهَا، وَإنْ أطْلَقَهَا ذَهَبَتْ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قۇرئاننى يادقا ئالغان كىشىنىڭ ھالى باغلاقلىق تۆگىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بولسە چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر سەل قارىسا كېتىپ قالىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىستە «قۇرئان ساھىبى» دەپ كەلگەن بۇنىڭ مەنىسى قۇرئان كەرىمنى يادقا ئالغان كىشى (قارى) دېگەن مەنىدە. «باغلانغان تۆگە ئىگىسىگە ئوخشايدۇ» يەنى ئارقان بىلەن باغلانغان تۆگە مەنىسىدە. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئورتاقلىق نوقتىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن. تۆگە ئىگىسى تۆگىسىنى باغلاش ۋە دېققەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تۇرۇشتەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرسا تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەگەردە ئارقاننى بوشىتۇپ ئۇنى تاشلاپ قويسا تۆگە كېتىپ قالىدۇ. قۇرئاننى يادقا ئالغان كىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، قۇرئاننى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىپ تۇرسا، تەكرار قىلسا زىھنىدە تۇرىدۇ. ئەگەر تىلاۋەت قىلماي تاشلاپ قويسا قۇرئاننى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، قۇرئان ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى جاپا مۇشەققەتلىك بولىدۇ. خۇددى تۆگىنى ئارقان بىلەن چىڭ، مەھكەم باغلىغاندا ئۇنى تۇتۇپ تۇرغىلى بولغاندەك، قۇرئان ئىزچىل تىلاۋەت قىلىنسا ئۇنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە تۆگىنى مىسال قىلىپ تىلغا ئېلىشى تۆگە ھايۋانلار ئىچىدە تىز قېچىپ كېتىدىغان، قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى تۇتۇش قېيىن بولىدىغان ھايۋان بولغانلىق سەۋەبىدىندۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ