عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما : أنَّ نَفَرًا كانوا جُلوسًا بباب النبي صلى الله عليه وسلم ، فقال بعضُهم: ألم يَقُلِ اللهُ كذا وكذا؟ وقال بعضُهم: ألم يَقُلِ اللهُ كذا وكذا؟ فسمِعَ ذلك رسولُ الله صلى الله عليه وسلم ، فخرج كأنَّما فُقِئَ في وجهِه حَبُّ الرُّمَّان، فقال: «بهذا أُمِرْتُم؟ أو بهذا بُعِثْتم؟ أنْ تَضْربُوا كتابَ اللهِ بعضَه ببعض؟ إنَّما ضَلَّتِ الأُمَمُ قبلكم في مثل هذا، إنَّكم لستُم ممَّا هاهنا في شيء، انظروا الذي أُمِرتم به، فاعملوا به، والذي نُهِيتُم عنه، فانتهوا».
[حسن] - [رواه ابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر توپ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكى يېنىدا ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دېسە، يەنە بەزىلىرى: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دەپ ئۇلارغا رەددىيە بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقتى، چىرايى ئانار دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەر مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭلىمۇ؟، ياكى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلىمۇ؟، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سوقۇشتۇرامسىلەر؟، سىلەردىن ئىلگىركى ئۇممەتلەر مۇشۇنداق ئېزىپ كەتكەن، سىلەر بۇ يەردىكىلەردىن ھېچنىمىدە ئەمەس، بۇيرۇلغان ئىشقا قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، چەكلەنگىنىڭلاردىن يېنىڭلار» دېدى
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ساھابىلاردىن بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالدى، بەزى رىۋايەتتە ئۇلار تەقدىر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى دېيىلگەن، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، باشقىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېرتقا چىقتى، غەزەبلەنگەنلىكتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى قېزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ چىرايى ئانارنىڭ دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەرنى يارىتىشتىكى مەقسەت قۇرئاننى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇش، قۇرئان ئايەتلىرىدە تالاش-تارتىش، جىدەل ۋە ئىختىلاپ قىلىشمۇ؟، ئاللاھ سىلەرنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھىچبىرى يوق، ھەم بۇنىڭغا ئىھتىياجمۇ يوق دەپ، ئاندىن ئۇلارغا: ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ ئېزىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇنداق ئىشلار ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى ۋە ئۇلارنى ئۆزىلىرىگە پايدىسى بار، مەنپەئەتلىك ئىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرنى قىلىشقا بۇيرىغان ئىشنى قىلىڭلار، سىلەرنى چەكلىگەن ئىشتىن يېنىڭلار، سىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان، بۇ سىلەرگە پايدىسى ۋە مەنپەئەتى بار ئىش» دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ