ھەدىسلەر تىزىملىكى

دىن سەمىمىيەتتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، بويسۇنۇڭلار، سىلەرمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلاردىن سورىلىسىلەر، ئۇلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن سورىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىسلام ھاكىمىيتىگە گۇناھغا بۇيرىمىسىلا مەيلى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن بۇيرۇقنى ئاڭلىشى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى زۆرۈردۇر، ئەگەرگۇناھقا بۇيرۇسا، بۇيرۇقنى ئاڭلاشقا ۋە بوي سۇنۇشقا بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم) غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغان، ئەسلىسە ياردەملىشىدىغان راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىسا، ئۇنتۇپ قالسا ئەسلەتمەيدىغان، ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدىغان ناچار ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية