عن أبي رقية تميم بن أوس الداري رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «الدين النصيحة» قلنا: لمن؟ قال: «لله، ولكتابه، ولرسوله، ولأئمة المسلمين وعامتهم».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ رۇقەييە تەمىم ئىبنى ئەۋس ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىن نەسىھەت دېمەكتۇر. بىز: نەسىھەت كىم ئۈچۈن؟ دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەق دىن نەسىھەتنى ئىخلاس بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يىگانە ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشىمىز ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنى، ئۇنى پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن پاكلاپ، پۈتۈن كامالى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىشىمىز، قۇرئان كەرىم ئۇ زاتنىڭ كالامى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەنلىكى، قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى ۋە مەنىسى ئوچۇق بايان قىلىنغان ئايەتلەرگە ئەمەل قىلىشىمىز، مەنىسىنى بىلەلمىگەن (مۇتەشابىھ) ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىشىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ۋەھىيگە ئىمان ئېيتىشىمىز، ئۇ بۇيرۇغان ئىشلارغا بويسۇنۇپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا ھەق ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ، ئۇلار بىلەلمەي قالغان ئىشلاردا توغرا يولغا باشلاش، ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان ياكى غەپلەتتە قالغان ئىشلارنى ئەسلىتىشىمىز، ئومۇمى مۇسۇلمانلارنى ھەق يولغا باشلىشىمىز، ئۇلارغا بىزدىن ۋە باشقىلاردىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەرنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە توسىشىمىز، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىشىمىز قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىمىزنى بۇيرۇپ كەلدى. ئۇلارغا بولغان نەسىھەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىش: بىزنىڭ ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە نېمىنى ياخشى كۆرسەك ئۇلارغىمۇ شۇنى ياخشى كۆرۈشىمىزدىن ئىبارەتتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ