عن عائشة رضي الله عنها مرفوعًا: «إِذَا أَرَادَ اللهُ بِالأمِيرِ خَيرًا، جَعَلَ لَهُ وَزِيرَ صِدقٍ، إِنْ نَسِيَ ذَكَّرَهُ، وَإِنْ ذَكَرَ أَعَانَهُ، وَإِذَا أَرَادَ بِهِ غَيرَ ذَلِكَ جَعَلَ لَهُ وَزِيرَ سُوءٍ، إِنْ نَسِيَ لَمْ يُذَكِّرهُ، وَإِنْ ذَكَرَ لَمْ يُعِنْهُ».
[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم)غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغان، ئەسلىسە ياردەملىشىدىغان راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىسا،ئۇنتۇپ قالسا ئەسلەتمەيدىغان، ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدىغان ناچار ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ»دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم)غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا» بۇ يەردىكى ئىرادىدىن مەقسەت كائىناتنىڭ تەقدىر ئىرادىسى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق جەھەتتىن ئالاقىسى بار. چۈنكى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ ۋە يامان كۆرىدۇ، بۇ ئىرادە كەڭ مەنىدە بولۇپ، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەدىستىكى ياخشىلىقتىن مەقسەت ئەمىر ياكى ھاكىملارنىڭ قايسى بىرى راستچىل ۋەزىرگە ئېرشەلىگەن بولسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. «راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ» دېگەندىن مەقسەت سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالىتىدە راستچىللىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى راستچىللىق ھەمرا بولۇشنىڭ ئاساسىي.«ئۇنتۇپ قالسا» دېگەندىن مەقسەت؛ ئەمىر ئۇنتۇپ قالسا، يەنى بىرەر شەرئى ھۆكۈمدىن ياكى زۇلۇمغا ئالاقىدار بىر مەسىلىدىن ياكى پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىدىن ئېزىپ كەتسە، راستچىل ۋەزىر ئۇنىڭغا ئەسلىتىدۇ ۋە يول كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئەگەر ئەمىر ئەسلىسە پىكىر، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەت جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. «ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئىرادە قىلسا» دېگەندىن مەقسەت؛ يامانلىقنى ئىرادە قىلسا دېمەكچى. بۇنداق ئىپادىلەشتىكى مەقسەت ياخشىلىقنى ئۇلۇغ كۆرسىتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆرسىتىش ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە قىزىقتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «يامان ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ» دېگەندىن مەقسەت سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە ناچار ۋەزىرنى ياردەمچى قىلىپ قويىدۇ.«ئەگەر ئۇنتۇپ قالسا» يەنى قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر ئىشنى تاشلاپ قويسا، ئەسلىتىپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىدە قەلبى جەھەتتىن نۇر مەۋجۇت ئەمەس. «ئەگەر ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدۇ» يەنى تەبىئىيىتى ناچار ۋە قىلمىشلىرى ئەسكى بولغاچقا ئۇنى ئۇ ئىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ