عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما قال: مر النبي صلى الله عليه وسلم بقبرين، فقال: «إنهما ليُعذَّبان، وما يُعذَّبان في كبير؛ أما أحدهما: فكان لا يستتر من البول، وأما الآخر: فكان يمشي بالنميمة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىككى قەبرىنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ: ھەقىقەتەن ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار چوڭ ئىشتىن ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرسى: سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى. يەنە بىرسى: گەپ توشۇيتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۆزىنىڭ بەزى ساھابىلىرى بىلەن ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈردى. پەيغەمبىرىمىز، ئۆزىنىڭ ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى بۇ ئىشتىن قورقۇتۇش ئۈچۈن ئۇ ئەھۋالنى ساھابىلىرىغا سۆزلەپ بەردى. بۇ ئىككى قەبرىنىڭ ئىگىلىرى ئاددى گۇناھتىن يىراق تۇرمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابلىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغان كىشى ئۇنىڭدىن يىراق تۇرالايدۇ. ئۇ ئازابلىغۇچىلارنىڭ بىرى؛ ھاجەت قىلغان چېغىدا سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدەنلىرى ۋە كىيىم - كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالاتتى، ھاجەت قىلغاندا ئۆزىنى دالدىغا ئالمايتتى. يەنە بىرى؛ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇرۇغ - تۇغقانلار ئارىسىدا، ئۆچ - ئاداۋەتكە سەۋەبچى بولىدىغان گەپلەرنى توشۇپ سۇخەنچىلىك قىلاتتى، ماۋۇ ئادەمگە كېلىپ ئاۋۇ ئادەمنىڭ يامان گەپلىرىنى، ئاۋۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ماۋۇ ئادەمنىڭ يامان گەپلىرىنى توشۇيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ، ئۆچ - ئاداۋەت پەيدا قىلاتتى. ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا مېھىر - مۇھەببەتنى ئورنىتىپ، جېدەل - ماجرانى تۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى. ئەمما رەھىمدىل ئېسىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئىككىسىگە ئىچى ئاغرىدى ۋە بىر دانە ھۆل خورما شېخى ئېلىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ھەربىر قەبرىگە بىردىن سانجىپ قويدى. ساھابە كىراملار ئۈچۈن يىڭىلىق تۇيۇلغان بۇ ئىشھەققىدە رەسۇلۇللاھتىن سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ شاخلار قۇرۇپ بولغىچە ئارىلىقتا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىككىسىنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، دېدى. يەنى ئاشۇ شاخلار ھۆل تۇرغان مۇددەتتە ئازابنىڭ يەڭگىللىنىشى ئۈمىت قىلىنغان. بۇ ئىش پەقەت پەيغەمبىرىمىزگىلا خاستۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ