ھەدىسلەر تىزىملىكى

مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن سۆزلىگەن سۆزلەرنى يازماڭلار، كىمكى مەندىن قۇرئان ئايىتىدىن باشقا سۆزلەرنى يازغان بولسا ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسۇن. مەن سۆزلىگەن ھەدىسلەرنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرسەڭلار گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى مەندىن قەستەن يالغاننى سۆزلەيدىكەن، دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية