عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَنَّهُ قَالَ:
«سَيَكُونُ فِي آخِرِ أُمَّتِي أُنَاسٌ يُحَدِّثُونَكُمْ مَا لَمْ تَسْمَعُوا أَنْتُمْ وَلَا آبَاؤُكُمْ، فَإِيَّاكُمْ وَإِيَّاهُمْ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتكە يېقىن ئۈممىتىنىڭ ئاخىرىدا بىر تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چېقىپ يالغاننى توقۇپ ئۇلاردىن ئىلگىرى ھېچ كىشى دېمىگەن سۆزلەرنى دەيدىغانلىقى، يالغان، توقۇلما ھەدىسلەر بىلەن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ توقۇلما-يالغان ھەدىسلىرى كۆڭلىمىزگە ئورناپ قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتىن ئاجىز كىلىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇش-قوپۇش قىلماسلىققا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا بۇيرىدى.