عَنْ ‌الزُّبَيْرِ بْنِ الْعَوَّامِ قَالَ:
لَمَّا نَزَلَتْ: {ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ} [التكاثر: 8]، قَالَ الزُّبَيْرُ: يَا رَسُولَ اللهِ، وَأَيُّ النَّعِيمِ نُسْأَلُ عَنْهُ، وَإِنَّمَا هُمَا الْأَسْوَدَانِ التَّمْرُ وَالْمَاءُ؟ قَالَ: «أَمَا إِنَّهُ سَيَكُونُ».

[حسن] - [رواه الترمذي وابن ماجه]
المزيــد ...

زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ‎﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر» [سۈرە تەكاسۇر 8-ئايەت] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، زۇبەير: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ تۇرمۇش كۆچۈرۋاتقىنىمىز سۇ بىلەن خورمىدىن ئىبارەت بولغان ئىككى قارا نەرسە تۇرسا، قايسى نېمەتتىن سوئال قىلىنىمىز؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ھازىر نېمەتلىنىۋاتقان بۇ ئىككى نەرسىدىن چوقۇم سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر» دېدى.

ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: ‎﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ*‎﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر». يەنى: ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ شۈكىرسىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ بۇنىڭدىن سورىلىسىلەر. زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قايسى نېمەتتىن سوئال-سوراق قىلىنىمىز؟! بىز نېمەتلىنىۋاتقىنىمىز سوئال سورالغىدەك نەرسە ئەمەس، ئۇ نەرسىلەر خۇرما بىلەن سۇدىن ئىبارەتقۇ؟دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەر ياشاۋاتقان مۇشۇ ھالەتتىكى نېمەتلەردىن سوئال سوراق قىلىنىسىلەر، سۇ بىلەن خورما بولسا ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بولغان بىر نېمەتتۇر» دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنى تەكىتلەش.
  2. ئاللاھ تائالا قىلغان نېمەت ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن قىيامەت كۈنىدە بەندە چوقۇم ئۇنىڭدىن سوئال سوراق قېلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ