عَنِ ‌ابْنِ عُمَرَ رضي الله عنهما:
أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ خَطَبَ النَّاسَ يَوْمَ فَتْحِ مَكَّةَ، فَقَالَ: «يَا أَيُّهَا النَّاسُ، إِنَّ اللهَ قَدْ أَذْهَبَ عَنْكُمْ عُبِّيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ وَتَعَاظُمَهَا بِآبَائِهَا، فَالنَّاسُ رَجُلَانِ: بَرٌّ تَقِيٌّ كَرِيمٌ عَلَى اللهِ، وَفَاجِرٌ شَقِيٌّ هَيِّنٌ عَلَى اللهِ، وَالنَّاسُ بَنُو آدَمَ، وَخَلَقَ اللهُ آدَمَ مِنْ تُرَابٍ، قَالَ اللهُ: {يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ} [الحجرات: 13]».

[صحيح] - [رواه الترمذي وابن حبان]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھ قىلىنغان كۈنى كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: « ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى، ئەجدادلىرى بىلەن پەخىرلىنىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يوق قىلىۋەتتى. ئىنسانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ياخشى، تەقۋادار، ئاللاھنى سۆيگەن ئېسىل كىشىلەر. يەنە بىرى: پاسىق، بەختسىز، ئاللاھقا ئېتىبارسىز قارايدىغان كىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋلادىدۇر. ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿‏يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ‎﴾‏ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

مەككە پەتىھ بولغان كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ چوڭچىلىق، تەكەببۇرلۇق، ئاتا-ئەجدادىدىن پەخىر قىلىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يوق قىلدى، ھەقىقەتتە ئىنسانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرى ئاللاھ تائالاغا تائەت -ئىبادەت قىلىدىغان، تەقۋادار ياخشى مۇئ‍مىن بولۇپ، گەرچە ئۇ كىشى كىشىلەر ئارىسىدا ئابرۇيلۇق، ئېسىل نەسەپلىك كىشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېسىلدۇر.
بىرى كاپىر، پاجىر، بەختسىز-شەقىيدۇر. گەرچە ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا يۈز-ئابرۇيلۇق، ئەمەل-مەنسىپى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارسىز، ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان كىشىدۇر.
ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى، ئەسلى ماددىسى توپا بولغان بىر مەخلۇقنىڭ باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىشى، ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى توغرا بولمايدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى تەستىقلايدۇ:﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ‎﴾‏ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نەسەب ۋە يۈز-ئابرۇيدىن پەخىرلىنىشتىن چەكلەش.
تېخىمۇ كۆپ