عَنْ ‌أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ:
أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ افْتَقَدَ ثَابِتَ بْنَ قَيْسٍ، فَقَالَ رَجُلٌ: يَا رَسُولَ اللهِ، أَنَا أَعْلَمُ لَكَ عِلْمَهُ، فَأَتَاهُ فَوَجَدَهُ جَالِسًا فِي بَيْتِهِ، مُنَكِّسًا رَأْسَهُ، فَقَالَ: مَا شَأْنُكَ؟ فَقَالَ شَرٌّ، كَانَ يَرْفَعُ صَوْتَهُ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ، وَهُوَ مِنْ أَهْلِ النَّارِ، فَأَتَى الرَّجُلُ فَأَخْبَرَهُ أَنَّهُ قَالَ كَذَا وَكَذَا، فَرَجَعَ الْمَرَّةَ الْآخِرَةَ بِبِشَارَةٍ عَظِيمَةٍ، فَقَالَ: «اذْهَبْ إِلَيْهِ فَقُلْ لَهُ: إِنَّكَ لَسْتَ مِنْ أَهْلِ النَّارِ، وَلَكِنْ مِنْ أَهْلِ الْجَنَّةِ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بىر قانچە كۈن كۆرمىگەندىن كېيىن سۈرۈشتە قىلدى، بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىگە ئۇنىڭ خەۋېرىنى ئۇقۇشۇپ كېلەي دەپ سابىتنىڭ ئۆيىگە كەلسە، سابىت ئۆيىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ كىشى سابىتتىن: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىغاندا، سابىت: بەك يامان بولدى، سابىت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۈستىدە ئۈنلۈك سۆز قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتتى، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كەتتى دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى جامائەت ئارىسىدا كۆرمىگەندىن كېيىن ئۇنى سۈرۈشتۈردى، ساھابىلاردىن بىرى: مەن سىلىگە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جامائەتكە كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇقۇپ كېلەي دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان ئېدى، ئۇ ئۆيىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ بەك غەمكىن ھالەتتە ئوتۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ كىشى: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىدى. سابىت ئۆزىدىكى بىر يامان ئىشتىن خەۋەر بەردى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىدىن ئۈنلۈك چىقاتتى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەردىن ئۈنلۈك سۆز قىلغانلارغا ئازابنى ۋەدە قىلىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ۋە دوزاخ ئەھلىدىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلغان.
ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى قايتىدىن سابىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس بەلكى جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا خۇش بىشارەت يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. ئۇنداق بولىشى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۈنلۈك ۋە يۇقىرى ئىدى، شۇنىڭ ئ‍ۈچۈن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەنسارىيلارنىڭ نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى ئېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇ كىشىنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا كۆڭۈل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بىرەتتى.
  3. ساھابىلار (ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۇلارغا بولسۇن) ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتي.
  4. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىش ۋاجىپ بولغاندەك، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئاڭلىغاندا ئەدەپنى لازىم تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ