عَنِ ‌ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا:
أَنَّ نَاسًا مِنْ أَهْلِ الشِّرْكِ، كَانُوا قَدْ قَتَلُوا وَأَكْثَرُوا، وَزَنَوْا وَأَكْثَرُوا، فَأَتَوْا مُحَمَّدًا صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالُوا: إِنَّ الَّذِي تَقُولُ وَتَدْعُو إِلَيْهِ لَحَسَنٌ، لَوْ تُخْبِرُنَا أَنَّ لِمَا عَمِلْنَا كَفَّارَةً، فَنَزَلَ {وَالَّذِينَ لا يَدْعُونَ مَعَ اللهِ إِلَهًا آخَرَ وَلا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللهُ إِلا بِالْحَقِّ وَلا يَزْنُونَ}[الفرقان: 68]، وَنَزَلَت: {قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللهِ} [الزمر: 53].

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
مۇشرىكلاردىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە كۆپ زىنا قىلغان بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: سېنىڭ ئېيتقىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا چاقىرغىنىڭ ياخشى ئىش ئېكەن، بىزنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىمىز ئىنتايىن كۆپ، ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بەرگەن بولساڭ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن:﴿وَالَّذِينَ لا يَدْعُونَ مَعَ اللهِ إِلَهًا آخَرَ وَلا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللهُ إِلا بِالْحَقِّ وَلا يَزْنُونَ‎﴾‏ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ» [سۈرە پۇرقان 68-ئايەت] . يەنە:﴿قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللهِ‎﴾‏ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت] نازىل بولدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

مۇشرىكلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە كۆپ قېتىم زىنا قىلغان كىشىلەر ئېدى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: سەن دەۋەت قىلىۋاتقان ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بەك ياخشى ئېكەن، لېكىن بىز ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا قىلىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلدۇق، بۇنىڭ كاپارىتى بارمۇ؟ دەيدۇ.
ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ چوڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئىككى ئايەت نازىل بولغان، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئېدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرۈش، ھەددىدىن ئېشىش قاتارلىق خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىسلام دىنىغا كېرمىگەن بولاتتى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىسلامنىڭ پەزىلىتى، كاتتىلىقى، ئىسلامغا كېرىشتىن بۇرۇن قىلىنغان گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
  2. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتى، مەغپىرىتى ۋە ئەپۇ قىلىشى چەكسىزدۇر.
  3. ئاللاھقا شېرىك كەتۈرۈش، ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا قىلىش قاتارلىق ئىشلار ھارامدۇر. بۇ گۇناھلارنى سادىر قىلغان كىشى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
  4. ئىخلاس ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن بىرگە قىلىنغان تەۋبە بارلىق چوڭ گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، بۇنىڭ ئارىسىدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشمۇ بار.
  5. ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ھارامدۇر.
تېخىمۇ كۆپ