عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال النبي صلى الله عليه وسلم : «إن الدين يسر، ولن يشاد الدين إلا غلبه، فسددوا وقاربوا وأبشروا، واستعينوا بالغدوة والروحة وشيء من الدلجة». وفي رواية: «سددوا وقاربوا، واغدوا وروحوا، وشيء من الدلجة، القصد القصد تبلغوا».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىن ھەقىقەتەن ئاسان، كىم دىننى قىيىنلاشتۇرسا دىن ئۇنى مەغلۇب قىلىدۇ، توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، خۇش بىشارەت ئېلىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدىن پايدىلىنىڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئىش قىلىڭلار، ئوتتۇرا ھال بولۇڭلار، نىشانغا يېتەلەيسىلەر»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بىرەر كىشى دىن ئىشلىرىدا چۇڭقۇرلاپ، قولايلىقنى تاشلىسا، پۈتكۈل ياكى قىسمەن ئەمىلىدىن توختاپ قالىدۇ، شۇڭا ئاشۇرۇۋەتمەستىن، ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇڭلار، ئەڭ مۇكەممىلىنى قىلالمىساڭلار، ئۇنىڭغا يىقىنراقىنى قىلىڭلار، گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئىزچىل ئەمەلگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن خۇش بىشارەت ئىلىڭلار. تېتىك ۋە بوش ۋاقتىڭلاردا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىڭلار. نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «الدين» دېگەن سۆز: قىلغۇچىسى نامەلۇم كىلىپ، پىچ ئوقۇلۇپ ۋە يەنە بىر ھەدىستە: "لن يشاد الدين أحد" دەپ زەۋەر ئوقۇلۇپمۇ كەلگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ: «إلا غلبه» دېگەن سۆزى: دىن ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ، چىڭىتقۇچى دىننىڭ يوللىرى كۆپ بولغانلىقتىن قارشىلىشىشدىن ئاجىز كىلىدۇ،- دېگەن مەنىدە. «الغدو» ئەتىگەن تەرەپلەردە يول يۈرۈش، «الرواح» كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا يول يۈرۈش، «الدلجة» كېچىدە يول يۈرۈش دېگەن مەنىدە. بۇ ئوخشىتىش ئۇسلۇبى بولۇپ، توغرا يولدا مىڭىۋاتقان مۇسۇلمان: يۇرتىدىكى ۋاقتىدا كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىشلەپ، ئازراق ئارام ئالىدىغان، سەپەر قىلغاندا كېچىسى مېڭىپ، چارچىغاندا توختاپ، ئارام ئالىدىغان دۇنيا خىزمىتىدىكى ئىنسانغا ئوخشىتىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا يۈزلىنىشمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ