عن ابن عمر رضي الله عنهما ، قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «كلكم رَاعٍ، وكلكم مسؤول عن رَعِيَّتِهِ: والأمير رَاعٍ، والرجل رَاعٍ على أهل بيته، والمرأة رَاعِيَةٌ على بيت زوجها وولده، فكلكم راَعٍ، وكلكم مسؤول عن رَعِيَّتِهِ».
وفي لفظ: «كلكم رَاعٍ، وكلكم مسؤول عن رَعِيَّتِهِ: الإمام رَاعٍ ومسؤول عن رَعِيَّتِهِ، والرجل رَاعٍ في أهله ومسؤول عن رَعِيَّتِهِ، والمرأة رَاعِيَةٌ في بيت زوجها ومسؤولة عن رَعِيَّتِهَا، والخادم رَاعٍ في مال سيده ومسؤول عن رَعِيَّتِهِ، فكلكم رَاعٍ ومسؤول عن رَعِيَّتِهِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ، باشلىق پادىچىدۇر، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا پادىچى، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىغا قارىتا پادىچى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. يەنە بىر ئىبارىدە: «ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ، رەھبەر پادىچى ۋە ئۆز پادىسىدىن سورىلىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، ئايال كىشىمۇ ئىرىنىڭ ئۆيىدە پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، خىزمەتچىمۇ خوجايىنىنىڭ مېلىدا پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، دېمەك ھەر بىرىڭلار پادىچى ھەم پادىسىدىن سورىلىدۇ» دېيىلگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيىتىدىكى ئىشلاردا قوغدىغۇچى ۋە ئامانەتدار ۋە شۇ ئىشلاردىن ھېساب ئېلىنىدۇ، ھاكىم قىيامەت كۈنى پۇقراسىدىن سورىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئەر كىشىمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇپ، گۇناھ-مەسىيەتتىن توسۇپ، ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئۇلارغا ئادا قىلغانلىقى ھەققىدە قىيامەت كۈنى سورىلىدۇ، ئايال كىشىمۇ ئىرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىنى قوغداش ئارقىلىق قارايدىغان بولۇپ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار ھەققىدە سورىلىدۇ، قۇل خوجىسىنىڭ مېلىدا قوغدىغۇچى ۋە ئامانەتدار بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنى سورىلىدۇ، دېمەك، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىكى ئىشقا ئامانەتدار ۋە قوغدىغۇچى بولۇپ، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭدىن سورىلىدۇ