عن عائشة رضي الله عنها قَالَتْ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ -صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم- يقُولُ في بيتي هَذَا: «اللهم من وَلِيَ من أمر أمتي شيئًا فَشَقَّ عليهم، فَاشْقُقْ عليه، ومن وَلِيَ من أمر أمتي شيئًا فَرَفَقَ بهم، فَارْفُقْ به».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ ئۆيىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:«ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مىھرىبانلىق قىلغان بولسا سەنمۇ ئۇنىڭغا مىھرىبان بولغايسەن»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئېگە بولۇش مەسئۇلىيتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قېيىنچىلىق پەيدا قىلغۇچىلارغا ئاللاھ تائالانىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئۇلارغا ئادالەت، ئىنساپ، رەھمەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، جازا-مۇكاپاتنىڭ ئىش-ھەرىكەتنىڭ تۈرىدىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ