عَنِ ابْنِ مَسْعُودٍ رضي الله عنه عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«سَتَكُونُ أَثَرَةٌ وَأُمُورٌ تُنْكِرُونَهَا» قَالُوا: يَا رَسُولَ اللَّهِ فَمَا تَأْمُرُنَا؟ قَالَ: «تُؤَدُّونَ الحَقَّ الَّذِي عَلَيْكُمْ، وَتَسْأَلُونَ اللَّهَ الَّذِي لَكُمْ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېقىندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا بەزى رەھبەرلەرنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئىشلىرىنى تاللايدىغانلىقى، مالنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنى ئۇ مالدىكى ھەققىدىن چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇلارنىڭ ئېچىدە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ساھابىلار: ئۇ ۋاقىتتا نېمە قىلىدىغانلىقىنى؟ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ مالنى يالغۇز ئىگەللىۋېلىشى سىلەرنى ئۈستۈڭلاردا ۋاجىپ بولغان ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن، بەلكى سەۋېر قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىپ ئىشتا تالاش-تارتىش قىلماڭلار، ئاللاھتىن ئۆزۇڭلارنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشنى سوراڭلار، ئۇلارنىڭ يامانلىق ۋە زۈلۇم قىلىشىدىن ساقلىشىنى ئاللاھ تائالادىن سوراڭلار.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىس بولۇپ، ئىش ئۈممەتنىڭ ئېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك يۈز بەردى.
  2. مۇسىيبەتكە ئۇچرىغۇچىغا ئۇنىڭغا كېلىدىغان مۇسىيبەتتىن خەۋەر بېرىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىگە ئاشۇ مۇسىيبەت كەلسە، ئۇنىڭغا سەبرى قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ساۋاپ ئۈمىت قىلغۇچى بولۇشقا تەييارلىنىدۇ.
  3. پىتنە ۋە ئىختىلاپتىن ساقلىنىشنىڭ يولى قۇرئان-ھەدىسكە چىڭ ئېسىلىشتۇر.
  4. ياخشى ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئەمىر-رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىشقا، گەرچە ئۇلاردىن زۇلۇم كۆرسىمۇ ئۇلارغا قارشى چىقماسلىققا رىغبەرلەندۈرۈش.
  5. پىتنە بولغان زاماندا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىپ، سۈننەتكە ئەگىشىش زۆرۈر بولىدۇ.
  6. گەرچە ئىنسانغا زۇلۇم يەتسىمۇ ئۆز ئۈستىدىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك.
  7. بۇ ھەدىس: ئىككى يامانلىقنىڭ تۆۋەنراقى ياكى ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلراقىنى تاللاش دېگەن قائىدىگە دەلىل بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ