عن أبي سعيد الخدري أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «لا تكتبوا عني، ومَن كتب عني غيرَ القرآن فَلْيَمْحُه، وحدِّثوا عنِّي ولا حَرَج، ومَن كذب عليَّ -قال همام: أحسِبه قال: مُتعمِّدًا- فَلْيَتَبوَّأ مَقْعَدَه مِن النار».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سۆزلىگەن سۆزلەرنى يازماڭلار، كىمكى مەندىن قۇرئان ئايىتىدىن باشقا سۆزلەرنى يازغان بولسا ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسۇن، مەن سۆزلىگەن ھەدىسلەرنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرسەڭلار گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى مەندىن قەستەن يالغاننى سۆزلەيدىكەن، دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلىسۇن» ھەدىس راۋىلىرىدىن بىرى بولغان ھەممام ئىبنى مۇنەببىھ قەستەن يالغان سۆزلىگەن بولسا دېدىمىكى دەپ ئويلايمەن دەيدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئۆزى سۆزلىگەن نەرسىلەرنى يېزىشتىن چەكلىگەن، قۇرئاندىن باشقا نەرسىلەرنى يازغان بولسا ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرىغان، ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىدىن ھەدىس بايان قىلىشقا رۇخسەت قىلغان، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلغاندا سەھىھ بولغان ھەدىسلەرنى تاللاپ يەتكۈزسە گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى شەرت قىلغان، ئۇلارنى ئۆزىگە قەستەن يالغان سۆزلەشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ بۇنىڭ جازاسىنىڭ جەھەننەمدە كۆيۈش بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلىگەن چەكلىمە كېيىن ئەمەلدىن قالغان، ئۇنداق بولىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ ئەۋۋىلىدە ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلىگەن، ھەدىس كۆپ بولۇپ ئۇنىڭ بەزىسىنى ياد قىلىپ بولالمايدىغان بولغاندا يېزىشقا رۇخسەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:«ئەبۇ شاھقا يېزىپ بېرىڭلار» چۈنكى ئۇ كىشى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈنمۇ يېزىشقا رۇخسەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئۆزىدىن ھەدىسنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان، ئەگەر يازمىسا ئىلىم كېتىپ قالاتتى. بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلەشتىكى مەقسەت بولسا، ھەدىسنى قۇرئان بىلەن بىر ۋاراقچىغا يازسا قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئارىلىشىپ كېتىپ، كېيىن ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر. بەزى ئۆلىمالار: چەكلىمە قۇرئان نازىل بولىۋاتقان دەۋرىگە خاس، قۇرئاننىڭ باشقا سۆزلەرگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چەكلىگەن، كېيىن رۇخسەت قىلغان دەيدۇ، بىرىنچى ئېھتىماللىق؛ چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يېقىنراقتۇر