عن صفوان بن يَعْلَى: أنَّ يَعْلَى قال لعمر رضي الله عنه : أَرِني النبيَّ صلى الله عليه وسلم حِين يُوحَى إليه، قال: «فبيْنَما النبي صلى الله عليه وسلم بالجِعِرَّانة، ومعه نَفَرٌ من أصحابه، جاءه رجل فقال: يا رسول الله، كيف ترى في رجل أحْرَم بعمرة، وهو مُتَضَمِّخٌ بطِيب، فسكت النبيُّ صلى الله عليه وسلم ساعة، فجاءه الوحْي، فأشار عمر رضي الله عنه إلى يَعْلَى، فجاء يَعْلَى وعلى رسول الله صلى الله عليه وسلم ثوْب قد أُظِلَّ به، فأَدخَل رأسه، فإذا رسول الله صلى الله عليه وسلم مُحْمَرُّ الوجه، وهو يَغِطُّ، ثم سُرِّيَ عنه، فقال: «أين الذي سأل عن العمرة؟» فأُتي برجل، فقال: «اغسل الطِّيبَ الذي بِكَ ثلاث مرات، وانزِعْ عنك الجُبَّة، واصنع في عُمرتك كما تصنعُ في حَجَّتك» قلت لعطاء: أراد الإنقاء حين أمره أن يغسل ثلاث مرات؟ قال: «نعم».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

سەپۋان ئىبنى يەئلادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، يەئلا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ماڭا ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا كۆرسەتكىن دېدى، راۋى دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەئرانە دېگەن جايدا بولغاندا ئەتراپىدا ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ساھابىلار بار ئىدى، بىر ئادەم كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر كىشى ئۆمرىگە ئېھرام كېيىپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن بولسا، سىلىچە قانداق بولىدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەلۇم ۋاقىت جىم تۇردى، ئۇنىڭغا ۋەھىي كەلدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەئلاغا ئىشارەت قىلدى، يەئلە كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كېيىم بىلەن سايىدىتىلغان ئىدى، يەئلا كىيىمنىڭ ئېچىگە بېشىنى كىرگۈزۈپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزلىرى قىزارغان، ئېغىر تىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ۋەھىي چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۆمرە توغرىسىدا سورىغان كىشى قېنى؟دېدى ئۇ كىشى كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتكىن، چاپىنىڭنى سېلىۋەتكىن، ئۆمرە قىلغاندا ھەجدە قىلغانغا ئوخشاش پائالىيەت قىلغىن» دېدى، مەن ئەتاغا: ئۇ كىشىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇشقا بۇيرىغاندا پاكىزە بولۇشنى مەقسەت قىلغانمۇ؟ دېسەم، ھەئە دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

يەئلا ئىبنى ئۇمەييە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەندە ماڭا خەۋەر قىلغىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ۋەھىي چۈشۈۋاتقان ۋاقىتتا كۆرۈشنى ۋە ۋەھىينىڭ قانداق چۈشىدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە بىلەن تائىپ ئارىسىدىكى مەككە ئەھلى ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا ئېھرام كىيىدىغان جەئرانە دېگەن جايدا تۇرغان ۋاقتىدا بىر كىشى كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرام كىيگەنلىكىنى، كىيىمى ۋە بەدىنىگە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى سۈرتكەنلىكىنى ئەمدى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سوئالنى سورىغاندىن كېيىن دەرھال جاۋاپ بەرمەي بىرئاز جىم تۇردى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل بولدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەئلاغا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ۋەھىينىڭ قانداق چۈشىدىغانلىقىنى كۆرگىن دەپ ئىشارەت قىلدى، يەئلا كەلگەن ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشى ئۇنىڭغا سايە چۈشۈرۈش ئۈچۈن دالدا قىلغان بىر كىيىمنىڭ ئېچىدە ئىدى، يەئلا كىيىمنىڭ ئاستىدىن بېشىنى كىرگۈزدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يۈزى قىزارغان، تىز-تىز نەپەس ئېلىپ ھاسىراۋاتقان ھالەتتە كۆردى، ئاندىن ۋەھىي ئۈزۈلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تىنچلاندى، سوئال سورىغان ئادەمگە: «سۈرتكەن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋېتىشنى، كىيىمى ۋە بەدىنىدىكى خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى، ئۇچىسىغا كەيگەن كىيىمىنى سېلىۋېتىشنى، ھەجدە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلەنگەنگە ئوخشاش ئۆمرىدىمۇ شۇنداق قىلىشنى» بۇيرىدى، چۈنكى ھەج بىلەن ئۆمرىنىڭ چەكلىمىلىرى ئوخشاشتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ