عن الصعب بن جَثَّامَةَ رضي الله عنه ، قال: أهديتُ رسولَ الله - صلى الله عليه وسلم - حماراً وحشياً، فَرَدَّهُ عَلَيَّ، فلما رأى ما في وجهي، قال: «إنا لم نَرُدَّهُ عليك إلا لأنَّا حُرُمٌ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر قۇلان (ياۋا ئېشەك) ھەدىيە قىلسام، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى، ئۇ يۈزۈمدىكى ئۆزگۈرۈش ئالامىتىنى كۆرۈپ: «بىز ئېھرامدا بولغاچ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەردۇق» دەپ چۈشەندۈردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن، ئۇ زات ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا كىشىلەرگە ياغلىمىچىلىق قىلمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويمايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھراملىق ھالەتتە ئىدى، سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داڭلىق مەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىدىن ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ياۋا ئېشەكتىن بىرنى ئوۋلاپ كىلىپ ھەدىيە قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلماي قايتۇرىۋەتكەندە بۇ ئىش ئۇ كىشىگە ئېغىر كىلىپ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈش ئالامەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن: ئۆزىنىڭ ئېھرامدا ئىكەنلىكى، ئېھرامدىكى كىشى ئۈچۈن ئوۋلانغان نەرسىنى يېيىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ