عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه قال: «حَمَلْتُ على فرس في سبيل الله، فأضاعه الذي كان عنده، فأردت أن أشتريه، وظننت أنه يبيعه بِرُخْصٍ، فسألت النبي صلى الله عليه وسلم ؟ فقال: لا تَشْتَرِهِ، ولا تعد في صدقتك؛ فإن أَعْطَاكَهُ بِدِرْهَمٍ؛ فإن العَائِدَ في هِبَتِهِ كالعَائِدِ في قَيْئِهِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ يولىدا بىر ئات سەدىقە قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر كىشىنى مىندۈرۈپ قويغان ئىدىم، ئۇ ئادەم ئۇنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۇنى سېتىۋالاي، بەلكى ئەرزان سېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم-دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەقتە سورىسام، ئۇ ئېيتتىكى: گەرچە ئۇنى بىر دىرھەمگە بەرسىمۇ سېتىۋالمىغىن ۋە سەدىقەڭنى قايتۇرۋالمىغىن! ھەدىيەنى قايتۇرۇۋالغۇچى، قۇسۇقىنى قايتۇرۋالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمگە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا مىنىپ جىھاد قىلغىلى بىر ئات بەردى. ئۇ ئادەم ئۇ ئاتقا جايىدا قارىمىدى، ئۇنى ئوبدان باقمىغانلىقتىن ئۇ ئات چارچاپ ھەتتاكى ئورۇقلاپ ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇ ئاتنى ئۇ ئادەمدىن سېتىۋېلىشنى ئويلىدى. ئۇنىڭ ئاجىز - ئورۇقلىقىدىن ئەزان بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سالماستىن ئۇنى ئېلىشقا ئۇرۇنمىدى، چۈنكى بۇ سودىدا بىر مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەتتا ئەڭ ئەرزان باھادا بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى سېتىۋېلىشتىن چەكلىدى. چۈنكى بۇ نەرسە ئاللاھ يولىدا چىقتى، ئۇنداق بولغاندىكىن سەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالمىغىن! يەنە ئۇ ھەدىيەنى ئالغان ئادەم ئۇنىڭ باھاسىدا ساڭا يان بېسىپ قالمىسۇن، ئۇنداق بولۇپ قالسا سەدىقەڭنىڭ بەزىسىنى قايتۇرۇۋالغاندەك بولىسەن. بۇ سەندىن چىقىپ كەتتى، سىنىڭ گۇناھىڭغا كاپپارەت بولدى، سەندىن بولمىغۇر زىيانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتتى، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ساڭا قايتىپ كېلىشى لايىق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سېتىۋېلىشىنى (سەدىقىسىدىن قايتىش) دەپ ئاتىدى