عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما «أن رجلًا قال يا رسول الله، ما يَلْبَسُ المُحْرِمُ مِنَ الثياب؟ قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : لا يلبسُ القميص، ولا العَمَائِمَ ، وَلاَ السَّرَاوِيلاَتِ، ولا البَرَانِسَ، ولا الخِفَافَ، إلا أحدٌ لا يجِدُ نَعْلَيْنِ، فَلْيَلْبَسْ خُفَّيْنِ، وَلْيَقْطَعْهُمَا أسفلَ من الكعبين، وَلا يَلْبَسْ من الثياب شيئا مَسَّهُ زَعْفَران أوْ وَرْسٌ»، وللبخاري: «ولا تَنْتَقِبُ المرأة، وَلا تلبس الْقُفَّازَيْنِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ ئىھرام باغلىغۇچى كېيىملەردىن نېمىنى كېيسە بولىدۇ، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: كۆينەك، سەللە، ئىشتان، پەرنچە، ئۆتۈك، كەيمەيدۇ، پەقەت ئايىقى يوق كىشىلا ئۆتۈكنىڭ قونجىنى ئوشۇقتىن تۆۋەنرەك كېسىۋېتىپ كېيسۇن، خۇش-پۇراق ئىشلەتكەن كېيىملەرنى كېيمىسۇن، دېدى. بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئايال كىشى نىقاب ئارتمىسۇن، پەلەي كېيمىسۇن، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ساھابىلار ئىھرامنىڭ نۇرمال ۋاقىتلاردىكى كېيىملەردىن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇ سەۋەبتىن بىر ئەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىھرام باغلۇغۇچى كېيسە دۇرۇس بولىدىغان كېيىملەر ھەققىدە سوئال سورىدى. كېيىش چەكلەنگەن كېيىملەر ھەققىدە سوراش مۇھىم بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بۇ ھەقتە، ئىھرام باغلىغۇچىغا چەكلىنىدىغان كېيىملەرنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنى كېيىش دۇرۇس دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاب ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زىھنىدە كۆپ ھۆكۈملەر ئېنىق بولدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئىھرام باغلىغاندا ئەر كىشىنىڭ كېيىشى چەكلىنىدىغان كېيىملەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ساناپ بەردى. كۆينەك، بەدىنىگە لايىق كېسىپ تىكىلگەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كېيىش دۇرۇس ئەمەس. سەللە، پەرەنچە ۋە بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق كېيىم، ئىشتان، تامبال، بەدەننىڭ قانداق بىر پارچىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان كېيىم، تىكىلگەن بولسۇن ياكى يوگەلگەن بولسۇن، پەلەيدەك نەرسىلەر بۇنىڭغا كىرىدۇ. ئۆتۈك كېيىش دۇرۇس ئەمەس، مەيلى ئۇ تىرەدىن تىكىلگەن بولسۇن ياكى يۇڭدىن، پاختىدىن ۋە ياكى باشقا نەرسىلەردىن بولسۇن ئوشۇقنى يېپىپلا تۇرىدىكەن ئۆتۈك بولىدۇ. ئىھرام باغلىغاندا ئاياق تاپالماي پەقەت ئۆتۈكىلا بولسا ئۇنىڭ قونجىنى ئوشۇقنىڭ ئۈستىدىن كېسىۋېتىپ ئاياق شەكلىدە قىلىپ كېيسۇن، دېگەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھتىن سورالمىغان سوئالغىمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بەزى ئىشلارنىمۇ بايان قىلىپ بەردى. ئىھرام باغلىغۇچى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كېيىم تىكىلگەن بولسۇن ياكى رەخ بولسۇن ئۇ زەئپىران ۋە ۋەرىستەك نەرسىلەر يەنى ھەرقانداق خۇش-پۇراق ئىشلىتىلمىگەن بولىشى كېرەك. ئاندىن ھەجدە ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى نىقاب بىلەن ئىتىشى ۋە پەلەي كېيىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى نىقاب ئارتمايدۇ، پەلەي كېيمەيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ