عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما قال: «بينما رجل واقف بِعَرَفَةَ، إذ وقع عن راحلته، فَوَقَصَتْهُ -أو قال: فَأوْقَصَتْهُ- فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : اغْسِلُوهُ بماء وسدر، وكَفِّنُوهُ في ثوبيه، ولا تُحَنِّطُوهُ، ولا تُخَمِّرُوا رأسه؛ فإنه يُبْعَثُ يوم القيامة مُلبِّياً».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت«خۇشبۇي» ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن تۇرىدۇ، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
ساھابىلەردىن بىرى رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلىپ ئەرەپاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشتى ۋە بوينى سۇنۇپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلەرنى ئادەتتىكى مېيىتنى يۇغاندەك سۇ ۋە سىدىر بىلەن ئۇنى يۇيۇشقا ، ئىھرام باغلىغان ئىككى رەخ بىلەن كىپەنلەشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى ھەجگە ئىھرام باغلىغانلىقتىن ئىبادەت قىلغان شۇ ھالىتى بىلەن قېلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خۇش پۇراق ئىشلىتىشتىن ۋە بېشىنى يېپىپ قويۇشتىن توستى. ئۇلارغا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ كىشى قانداق ئۆلگەن بولسا شۇ ھالىتىدە تىرىلىدۇ، يەنى ھەجنىڭ شۇئارى بولغان تەلبىيە ئېيتقان ھالدا قەبرىسىدىن تۇرىدۇ، دېدى