عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «إذا توضَّأ أحدُكُم فَليَجعَل في أنفِه ماءً، ثم ليَنتَنْثِر، ومن اسْتَجمَر فَليُوتِر، وإذا اسْتَيقَظَ أَحَدُكُم من نومِه فَليَغسِل يَدَيه قبل أن يُدْخِلهُما في الإِنَاء ثلاثًا، فإِنَّ أَحدَكُم لا يَدرِي أين بَاتَت يده». وفي رواية: «فَليَستَنشِق بِمِنْخَرَيه من الماء». وفي لفظ: «من توضَّأ فَليَسْتَنشِق».
[صحيح] - [الرواية الأولى: متفق عليها. الرواية الثانية: رواها مسلم. الرواية الثالثة: متفق عليها، ولفظ مسلم: (فليستنثر)، بدل: (فليستنشق)]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرىڭلار تاھارەت ئالسا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئاندىن ئۇنى چىقارسۇن، ئىستىنجا قىلسا تاق چالمىدا قىلسۇن، بىرڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا قولىنى سۇغا تىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى بىرىڭلار كىچىدىن قولىنىڭ نەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ. يەنە بىر ھەدىسىتە، بۇرنىغا سۇ ئالسۇن دېگەن ئىبارە كەلگەن. يەنە بىر ئىبارىدە: كىمىكى تاھارەت ئالسا بۇرنىغا سۇ ئالسۇن، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىس ئۈچ ماۋزۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر بىر ماۋزۇنىڭ ئۆزىگە خاس ھۆكىمى بار. بىرىنچى: تاھارەت ئالغۇچى تاھارەتنى باشلىغاندا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئۇنى چىقىرىدۇ، بۇ ھەدىستە «ئستىنشاق ۋە ئىستىنسار» دەپ تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى بۇرۇن بولسا يۇيۇش ۋاجىب بولغان يۈزنىڭ بىر قىسمى، يۈزنى يۇيۇش توغۇرلۇق كۆپ ھەدىسلەر كەلگەن، ھەم ئۇ شەرىئەتتە بۇيرۇلغان پاكىزلىقنىڭ بىرى. ئىككىنچى: چوڭ تەرەتنى تاش ياكى چالما كېسەك بىلەن تازلىغاندا «ھازىر قەغەز بىلەن مەسىلەن» ئۇنى تاق ئىشلىتىش كېرەك، ئاز بولغاندا ئۈچ، كۆپ بولسا تولۇق تازىلانغانغا قەدەر، جۇپ قېتىم تاش ئىشلىتىش بىلەن تازلانغان بولسا يەنە بىرى بىلەن تاق قىلىۋېتىش كېرەك. ئۈچىنجى: كېچىدە ئۇيقىدىن ئويغانغان كىشى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇماي تۇرۇپ تاھارەت سۇيى بار قاچىغا ياكى يۆل بىر نەرسىگە قولىنى سالماسلىقى كېرەك چۈنكى كېچىنىڭ ئۇيقۇسى كۆپۈنچە ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ كىشى بىلمەي بەزى ئەزالارنى تۇتۇپ قېلىش ئىھتىمالى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال قولىنى يۇيۇۋېتىشنى تەكىتلىگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ